شى جىنپىڭ تايلاند زۇڭلىسى پېي تۇڭتەن بىلەن كۆرۈشتى

2025.02.07 15:10 مەنبە: خەلق تورى

2 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن تايلاند زۇڭلىسى پېي تۇڭتەن بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دۇڭ شۆ، شاۋ يىبو) 2 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن تايلاند زۇڭلىسى پېي تۇڭتەن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ تايلاند دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىنىپ كەلگىلى مىڭ يىللار بولدى، «جۇڭگو ـ تايلاند بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، سەمىمىي بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر قارشى تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللاپ كەلدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن تايلاند دىپلوماتىك مۇناسىۋت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھەم «جۇڭگو ـ تايلاند دوستلۇقىنىڭ ئالتۇن 50 يىلى»، ئىككى تەرەپ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ـ تايلاند تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايون ۋە دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن تايلاند ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللاپ، جۇڭگو ـ تايلاند مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئېنىقلىقى ئارقىلىق تاشقى مۇھىتتىكى ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تايلاند تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو ـ تايلاند تۆمۈريولى قاتارلىق بايراقدار تۈرلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، جۇڭگو ـ لائوس ـ تايلاندنى تۇتاشتۇرۇش تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىدا بالدۇرراق تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەر ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ مۇقىم، راۋان بولغان كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تايلاند تەرەپنىڭ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، توردا قىمار ئويناش، تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا زەربە بەرگەنلىكىنى تەرىپلەيدۇ، ئىككى تەرەپ قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىش تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك. ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە ئائىت مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئورتاق ئۆتكۈزۈپ، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ قۇرۇلۇشلارنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ـ تايلاند دوستلۇقىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشى، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تايلاندنىڭ لەنساڭجياڭ ـ مېيگۇڭخې ھەمكارلىقىنىڭ ئورتاق رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى قوللايدۇ، تايلاندنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمراھ دۆلىتى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، تايلاند تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

پېي تۇڭتەن مۇنداق بىلدۈردى: «تايلاند ـ جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ ئالتۇن 50 يىلى» پەيتىدە جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. 50 يىلدىن بۇيان، تايلاند ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى بوران ـ چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئالاھىدە دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. تايلاند تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئىقتىساد ـ سودا، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىنچلىقتىن ئورتاق ھەمبەھرىلىنىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان كېيىنكى 50 يىلنى باشلاپ، ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. تايلاند تەرەپ جۇڭگو تەرەپ ۋە باشقا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، توردا قىمار ئويناش، تېلېگراف ئالدامچىلىقى قاتارلىق چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا باشتىن ـ ئاخىر مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدى، تايلاند تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ