شى جىنپىڭ سىچۇەننىڭ يىبىڭ شەھىرى جۈنليەن ناھىيەسىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

​ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئىزدەپ - قۇتقۇزۇپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

​لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2025.02.10 13:37 مەنبە: خەلق تورى

2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت 11دىن 50 مىنۇتلار ئۆتكەندە، سىچۇەننىڭ يىبىڭ شەھىرى جۈنليەن ناھىيەسى مۇئەي بازىرى جىنپىڭ كەنتىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت 17گىچە، ئون ئائىلىلىك ئۆي كۆمۈلۈپ قالدى، 30 نەچچە ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى.

ئاپەت يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: سىچۇەننىڭ يىبىڭ شەھىرى جۈنليەن ناھىيەسىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، نۇرغۇن ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى. تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى ئىزدەپ - قۇتقۇزۇپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىش ھەم كېيىنكى ئىشلار قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي قۇتقۇزۇشقا دىققەت قىلىپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك ئاپەت ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ئاپەت ھادىسىسى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلار، قاپسىلىپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ - قۇتقۇزۇپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبىنى ئېنىقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتراپتىكى گېئولوگىيەلىك ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، ئاپەت تەھدىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنى يۆتكەپ، ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلارنى باشلاپ نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشنى يولغا قويدى، سىچۇەن ئۆلكىسى، يىبىڭ شەھىرى كۈچ تەشكىللەپ خەتەردىن، ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، تۈرلۈك خىزمەتلەر جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ