شى جىنپىڭ خاربىن 9 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم تاشقى ئىشلار پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ

2025.02.07 15:10 مەنبە: خەلق تورى

9 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى كەچتە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى چۈشتە، رەئىس شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەل رەھبەرلىرى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزىدۇ.

باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان چەت ئەل رەھبەرلىرىدىن: بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى، تايلاند زۇڭلىسى پېي تۇڭتەن، كورېيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى يۈ يۈەنجى قاتارلىقلار بار.

شۇ چاغدا، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئېچىلىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىدۇ، شىنخۇا تورى سۈرەت ۋە يېزىق شەكلى ئارقىلىق بىۋاسىتە تارقىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ