شى جىنپىڭ كولومبىيە زۇڭتۇڭى پېترو بىلەن جۇڭگو - كولومبىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025.02.10 13:35 مەنبە: خەلق تورى

2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كولومبىيە زۇڭتۇڭى پېترو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كولومبىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. 2023 - يىلى 10 - ئايدا، زۇڭتۇڭ پېترو جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن مول نەتىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى ئورتاق جاكارلاپ، جۇڭگو - كولومبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدۇق. كولومبىيە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇھىم دۆلەت بولۇپ، بۇ يىل لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. مەن جۇڭگو - كولومبىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - كولومبىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايمەن.

پېترو مۇنداق بىلدۈردى: كولومبىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىلدى. ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر كۆپ قېتىم ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ خەلقىنىڭ رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. مەن زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، سودا سېلىنمىسى ئېشىشنى ساقلىدى. كولومبىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بولىدىغان يەرشارىۋى قارالمىلارغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ