شى جىنپىڭ جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك

​سەي چى دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى

2025.02.10 13:37 مەنبە: خەلق تورى

2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۇن شەھىرىدە جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭچۇن، 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: جىلىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەرقىي شىمالنىڭ دۆلەتنىڭ «بەش چوڭ بىخەتەرلىك»ىنى قوغداشتىكى مۇھىم بۇرچىنى پۇختا ئىگىلەپ، تەرەققىيات مەۋقەسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشى كېرەك.

2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۇن شەھىرىدە جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ چياڭ دوكلات بەردى، ئۆلكە باشلىقى خۇ يۈتىڭ قاتارلىقلار دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.

دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، جىلىننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ۋە كەسىپ ئارقىلىق تىرەك بولۇشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمەلىي ئىقتىسادتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى چىڭ ساقلاپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش ۋە يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جىلىننىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كەسىپلەردە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن تەتقىقات بايلىقى ۋە كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تىرىشىپ بىر تۈركۈم مۇھىم پەن - تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بىلەن يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قار - مۇز، تەبىئىي مەنزىرە، مىللەتلەر ئۆرپ - ئادىتى قاتارلىق خاس بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چاڭچۇن زامانىۋىلاشقان مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەرقىي شىمال رايونىدىكى باشقا ئۆلكىلەرنىڭ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتا ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى قىيىن نۇقتا، ئاغرىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى نىشانلاپ، ئىسلاھات قارالمىلىرىنى بېكىتىپ، ئىسلاھات لايىھەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تىرىشىپ چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىش كېرەك. مەيلى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بولسۇن ياكى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسۇن، ھەممىسىدە سىياسەت - بەلگىلىمىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىپ ئارقىلىق يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ھەم خاسلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان 1 - قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى، ئاشلىق چوڭ ئۆلكىسىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى. جىلىن زامانىۋىلاشقان چوڭ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشقا مەدەت بېرىدىغان تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىلىق يېزا ئىگىلىكى، يېشىل يېزا ئىگىلىكى، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىكى، كۇرسلۇق يېزا ئىگىلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىقنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تۈجۈپىلەپ پىششىقلاش ۋە يېمەكلىكلەرنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى كۈچەيتىپ، «ئاشلىق تېرىشتىن ئۈستەلگە تاماق بولۇپ چىقىشقىچە»، «چارۋا باقمىچىلىقىدىن گۆش تۈرى پىششىقلاشقىچە»، «يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلىنىشقىچە» بولغان ئىشلارنى يېتەرلىك، جانلىق ئىشلەپ، كۆپ خىللاشقان يېمەكلىك تەمىنات سىستېمىسى بەرپا قىلىشى كېرەك. شەھەر - يېزىلارنىڭ بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، كەسىپ تەرەققىياتى، ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ناھىيەنى كۈچەيتىش، خەلقنى بېيىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىنچ - ئامان، قانۇنچىل يېزا - كەنت ۋە ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت بەرپا قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جىلىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى كۈچەپ يارىتىشى كېرەك. چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ چېگرا سودىسى، خاس كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ھەرقانداق ۋاقىتتا جەزمەن چىڭ تۇتۇش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ۋە تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش زۆرۈر. توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى ۋە خىزمەت يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، تىرىشىپ ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇشتا، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇق تەقسىملەش، يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىجىل تۈردە شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزەپ، كادىرلارنىڭ قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە دادىل ئىش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.

خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ