لى چياڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى، بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال بىلەن كۆرۈشتى

2025.02.07 15:11 مەنبە: خەلق تورى

2-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى بىلەن كۆرۈشتى.

لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ھەمكارلىق ساھەسى بارغانسېرى كېڭەيدى، نەتىجىلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، ئىككى دۆلەتنىڭ جانجىگەر دوستلۇقى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ، بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. تۈنۈگۈن، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قويۇق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى سىجىل ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، جۇڭگو-پاكىستان دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو- پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، تاشيول، تۆمۈريول، پورت قاتارلىق چوڭ-چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، كانچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، ئۇچۇر تېخنىكىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەرلىكلەر ھەمكارلىقى ۋە ياشلار، تاراتقۇلار، ئاقىللار ئامبىرى قاتارلىق ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، داۋالاش، مائارىپ، نامراتلارنى يۆلەش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ جۇڭگو-پاكىستان دوستانە ھەمكارلىقىغا قاتنىشىش تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپ بىلەن خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، پاكىستان تەرەپنىڭ پاكىستاندىكى جۇڭگو خادىملىرى، تۈرلىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قوللاپ، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

زەردارى مۇنداق بىلدۈردى: پاكىستان بىلەن جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستانە قوشنا دۆلەت ۋە جانجىگەر دوست، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى داۋامىدا باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىنى قوللاپ، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە دوستلۇقىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ كەلدى. پاكىستان تەرەپ پاكىستان -جۇڭگو دوستلۇقىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، سودا، سېلىنما، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، پۇل مۇئامىلە، خەلق تۇرمۇشى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. پاكىستان تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پاكىستانغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ، پاكىستاندىكى جۇڭگولۇق خادىملار، تۈر ۋە ئاپپاراتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ۋۇ جېڭلۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

2-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال بىلەن كۆرۈشتى.

لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن بىرۇنېي دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان دوستانە قوشنا دۆلەتلەر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-بىرۇنېي مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر، پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىلىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ سۇلتان ئالىيلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-بىرۇنېي تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى تېخىمۇ كەڭ بوشلۇقنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو تەرەپ باشتىن-ئاخىر بىرۇنېينى ئەتراپتىكى قوشنىلار ئىناق دوستانە ئۆتۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم يۆنىلىش دەپ قارايدۇ، بىرۇنېي تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ بىرۇنېي تەرەپ بىلەن ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى داۋاملىق ئىمزالاشنى پۇرسەت بىلىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، ئۇچۇر كەسپى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل تەرەققىيات، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئورتاق يېتىلدۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىرۇنىي تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، شارائىتى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنى بىرۇنېيغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، بىرۇنېي تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ كارخانىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ مەدەت، قولايلىق بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت-ساياھەت، مائارىپ، ياشلار، تەنتەربىيە، يەرلىك قاتارلىقلاردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى كۈچەيتىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، بىرۇنېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

خاسانئال مۇنداق بىلدۈردى: بىرۇنېينىڭ جۇڭگو بىلەن چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقى بار. بىرۇنېي تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، دەپ قارايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد-سودا، نېفىت-خىمىيە، يېزا ئىگىلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد، كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، بىرۇنېي − گۇاڭشى ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرۇنىي-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. بىرۇنېي تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى − جۇڭگو مۇناسىۋىتى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايوننى تۇتاشتۇرۇش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. بىرۇنېي تەرەپ جۇڭگونىڭ خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدا جارى قىلدۇرغان مۇھىم رولىنى تەرىپلەيدۇ، جۇڭگونىڭ «ئومۇميۈزلۈك ۋە تەرەققىي قىلغان تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە قاتنىشىشىنى قوللايدۇ.

ۋۇ جېڭلۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ