سەي چى، ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەھبەرلەر ۋە ئەزىز مېھمانلار قاتارلىقلار قاتناشتى
2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كەچتە، 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. سۈرەتتە: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىدە كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كەچتە، 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى
قار - مۇز ئورتاق ئارزۇسى نۇر چاچتى، ئاسىيا قەلبداش بولۇپ شانلىق سەھىپىلەرنى ئورتاق پۈتەيلى. 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كەچتە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
سەي چى، ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەھبەرلەر ۋە ئەزىز مېھمانلار قاتارلىقلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
تۈن پەردىسى ئاستىدا، خاربىن خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە تەنتەربىيە مەركىزىدە چىراغلار چاقناپ، رەڭگارەڭ نۇر چېچىپ تۇراتتى. باشلىنىش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن، خېيلۇڭجياڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئامما رايون خاسلىقىغا تولغان نومۇرلارنى ئېلىپ كېلىپ ئورۇنلىدى، نەق مەيدان كەيپىياتى ئىنتايىن قىزغىن بولدى.
سائەت 19دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، «تىنچلىق − تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» ناملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ، ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى خو جېنتىڭ قاتارلىقلار بىلەن بىللە رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، تاماشىبىنلارغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.
«سۆيىمەن سېنى جۇڭگو»نىڭ چوڭقۇر مۇھەببەتلىك مېلودىيەسىگە ئەگىشىپ، سەككىز ھۆرمەت قاراۋۇلى مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى مۇھاپىزەت قىلىپ مەيدانغا كىردى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى، قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى.
چوڭ ئېكراندا «رەڭدار، گۈزەل يىللار» ناملىق قىسقا فىلىم قويۇلۇپ، باھار بايرىمىلىق چىرايلىق كىيىنگەن بالىلار قولىغا مۇز چىراغنى ئېلىپ، خاربىننىڭ شەھەر يەر بەلگىسىنى يورۇتتى. ئارقىدىن «مۇز چىراغتىن باشلانغان ئارزۇ» ناملىق مېھمان كۈتۈۋېلىش نومۇرى باشلىنىپ، قار گۈلى قول ياغلىق ئۇسسۇلىدا ساھىبخانىنىڭ تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى خۇشال كۈتۈۋېلىشتەك قىزغىن ھېسسىياتى نامايان قىلىندى.
سائەت 20دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە، تەنھەرىكەتچىلەر مەيدانغا كىرىش مۇراسىمى باشلاندى. «قار - مۇزدىكى ئاسىيا»نىڭ شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، 34 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كىرىپ، پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. «ۋەتەنگە مەدھىيە»نىڭ جۇشقۇن مېلودىيەسى ياڭراپ، ساھىبخانا دۆلەت جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەڭ ئاخىرىدا مەيدانغا كىردى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئورنىدىن تۇرۇپ قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن مەيدان قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئالقىش - تەنتەنە سادالىرى توختىماي ياڭرىدى. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدە جەمئىي 257 كىشى بار، بۇنىڭ ئىچىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچى 170 كىشى بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئالتە چوڭ تۈر، 64 كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ.
خاربىن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى لياڭ خۇيلىڭ سۆزىدە تەشكىلىي كومىتېت ۋە 30 مىليوندىن ئارتۇق خېيلۇڭجياڭ خەلقىگە ۋاكالىتەن، ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇلارنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا ئۆزىدىن ھالقىپ، سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، دوستلۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
خاربىن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى گاۋ جىدەن سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىر نۆۋەتلىك قالتىس ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك - تۈمەن قىياپىتىدىن قانغۇچە بەھرىلىنىپ، بىر مەقسەتتە ئاسىيا تەنھەرىكىتىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ گۈزەل مېلودىيەسىنى ياڭرىتايلى.
ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى خو جېنتىڭ سۆزىدە جۇڭگونىڭ ئاسىيا قار - مۇز تەنھەرىكىتى تەرەققىياتى داۋامىدا جارى قىلدۇرغان مۇھىم رولىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، خاربىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەم ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلغانلىقى ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقانلىقىغا ھەم تەنھەرىكەتچىلەر، كۆرۈرمەنلەر ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، خاربىننى ئارزۇدىكىدەك قار - مۇز مەركىزىي شەھىرى ئىكەن، دەپ ماختىدى.
سائەت 20دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە، باشلىنىش مۇراسىمى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان دەقىقىنى كۈتۈۋالدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ: خاربىن 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى! دەپ جاكارلىدى، شۇ ھامان، پۈتۈن مەيدان قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئالقىش، تەنتەنە سادالىرى ئۇزاققىچە ياڭرىدى. كۆزنى چاقنىتىدىغان ساليۇتلار كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى.
دۆلىتىمىزنىڭ ئالتە مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى ۋەكىلى ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ مۇسابىقە بايرىقىنى كۆتۈرۈپ مەيدانغا كىردى. ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ مۇسابىقە مارشىغا ئەگىشىپ، ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ مۇسابىقە بايرىقى ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بىلەن بىرلىكتە ئېگىز جەۋلان قىلدى.
تەنھەرىكەتچى نىڭ جۇڭيەن ۋە سەي شۆتۇڭ، رېپىر جاڭ چۇنخۇي ۋە چېن ۋېنخۇڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر ۋە رېپىرلارغا ۋاكالىتەن قەسەم بەردى.
ئارقىدىنلا، چوڭ ئېكراندا «جۇشقۇنلۇققا تولغان قىش كۈنلىرى» ناملىق قىسقا فىلىم پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى: قار - مۇزدىن خۇشاللىق ھېس قىلىدىغان خاربىنلىقلار «ئىككى قېتىم ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن شەھەر»نىڭ شەھەر قىزغىنلىقىنى نامايان قىلدى.
ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى باشلاندى، ئويۇن 1 -، 2 -، 3 - بۆلەكتىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. 1 - بۆلەك «قىزغىنلىققا تولغان قار - مۇز» ياڭراق بۇرغا ئاۋازى ئىچىدە باشلاندى، مۇز چېپىش ئەزىمەتلىرى قولىدا مۇز چېپىش ئۈسكىنىسىنى تۇتۇپ، مۇز ئۈستىدە ئۇسسۇلغا چۈشتى، «باش مۇز» دەريانى يېرىپ چىقىپ، قىزىل يىپەك ئۇچۇپ كېلىپ، بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بەلگىسى «ھالقىش»نى يورۇتتى. بالېت ئۇسسۇلچىلىرى قار - مۇزدا لەرزان ئۇسسۇل ئويناپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشتەك گۈزەل مەنزىرىنى سىزىپ چىقتى. 2 - بۆلەك «ھاياجانغا تولغان سۈرئەت»تە ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەزىمەتلىرىنىڭ سىيماسى نۇر شولىلىق يىپەك ئېكراندىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، قار - مۇزلارنى بويسۇندۇرغان سالاپىتىنى نامايان قىلدى، شاد - خۇراملىققا چۆمگەن كىشىلەر بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينىدى، ئوماق ھەم جانلىق «قار ئادەم» مەيدان ئوتتۇرىسىدا نامايان بولۇپ، بىر مەيدان مۇز شەھىرى كاتتا بايرام پائالىيىتىگە بىرلىكتە ئاتلاندى. 3 - بۆلەك «ئېگىز تاغلار، ئۇزۇن دەريالار»دا، ئۇسسۇلچىلار ئاسىيا خاس كىيىم - كېچەكلىرىنى كىيىپ، قىزغىن ئۇسسۇل قىياپىتى ئارقىلىق ھەرقايسىسى ئۆز گۈزەللىكىدىن زوقلىنىدىغان، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىدىغان جانلىق مەنزىرىنى نامايان قىلدى. ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە «بالكون مۇزىكا كېچىلىكى» ئويۇن سەھنىسىدىن تاماشىبىنلار ئورنىغىچە تەسىر كۆرسىتىپ، ئورۇنلىنىۋاتقان مېلودىيەلەر تەقدىرداش بولغان ئاسىيا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى.
سائەت 21دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاساسىي مەشئەلگە ئوت تۇتاشتۇرۇش مۇراسىمى باشلاندى. چوڭ ئېكراندا نەق مەيدان خاربىن قار - مۇز دۇنياسى شۆبە مەيدانىغا ئۇلاندى، ياڭ ياڭ، خەن شياۋپېڭ، ۋاڭ جېن، جاڭ خۇڭ قاتارلىق تۆت مەشئەل يەتكۈزگۈچى مەشئەلنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. قوللىرىدا مۇز پانۇس كۆتۈرۈۋالغان بالىلار مەشئەل يەتكۈزگۈچىلەر بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئاساسىي مەشئەل مۇنارىغا بىرلىكتە ئوت تۇتاشتۇردى، «قاردىكى سېرىنگۈل» بەرق ئۇردى، ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى يالقۇنجىدى.
پۈتۈن مەيداندىكىلەر «ئاسىيانى چاقنىتىش» ناملىق باش تېما ناخشىسىنى بىرلىكتە ئېيتتى، پۈتكۈل تەنتەربىيە مەيدانى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى.
باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان خەلقئارا ئەزىز مېھمانلاردىن: بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف ۋە رەپىقىسى جاپاروۋا، پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى، تايلاند زۇڭلىسى پېي تۇڭتەن، كورېيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى يۈ يۈەنجى ۋە رەپىقىسى شېن جىڭخۇي بار.
ۋاڭ يى، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، شېن يىچىن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ ئەمەلدارلىرى قاتارلىقلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.