2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاربىندا 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى
2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاربىندا 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. بۈگۈن كەچتە خاربىن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ مۇھىم تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن زىچ ھەمكارلاشقانلىقىنى نامايان قىلدى. ئولىمپىك روھى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، جۇڭگونىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش نىشانى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئارزۇسى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ. جۇڭگو ئولىمپىك روھىنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، مۇقەررەر ھالدا خەلقئارا تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشىدۇ. بىز خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.
باخ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگو قالتىس، ئۇنتۇلغۇسىز بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇھىم مۇسابىقىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا ئولىمپىك ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. جۇڭگو ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، باراۋەر ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق ئىدىيەلەرنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، تەنتەربىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا تەنتەربىيە ئىشلىرىغا كەڭ قاتنىشىشىنى قوللاپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە تېخىمۇ زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. خاربىن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
سەي چى، ۋاڭ يى، شېن يىچىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.