شى جىنپىڭ كورېيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى يۈ يۈەنجى بىلەن كۆرۈشتى

2025.02.10 13:34 مەنبە: خەلق تورى

2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاربىن تەيياڭداۋ مېھمانسارىيىدا 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كورېيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى يۈ يۈەنجى بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى

2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاربىن تەيياڭداۋ مېھمانسارىيىدا 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كورېيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى يۈ يۈەنجى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا رايوننىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. جۇڭگونىڭ كورېيەگە قارىتىلغان سىياسىتى مۇقىم. ھازىر خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە ئېنىقسىزلىق كۆپىيىۋاتىدۇ، جۇڭگو - كورېيە ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو - كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىشى، راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. بۇ يىل جۇڭگو خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى ۋە كورېيەنىڭ قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى، ئىككى تەرەپ خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك. ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئارىسىدىكى دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككى تەرەپ بۇ يىل ۋە كېلەر يىل ئىككى يىلدا ئاسىيا − تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىنى ئايرىم - ئايرىم ئۆتكۈزۈشنى ئۆزئارا قوللىشى كېرەك.

يۈ يۈەنجى مۇنداق بىلدۈردى: كورېيە - جۇڭگو ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتۈش كورېيە دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ يادروسىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزگەرمەيدۇ. كورېيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، كورېيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىنى كېڭەيتىپ، دوستلۇق مېھرىنى كۈچەيتىش كېرەك. دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى ئورتاق خاتىرىلەپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئاسىيا − تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ئۆزئارا قوللايمىز.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ