شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خاربىن 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان خەلقئارا ئەزىز مېھمانلار ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى

2025.02.10 13:33 مەنبە: خەلق تورى

2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدىكى تەيياڭداۋ مېھمانسارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، خاربىن 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارا ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى

2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدىكى تەيياڭداۋ مېھمانسارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، خاربىن 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارا ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزى قىلماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدىكى تەيياڭداۋ مېھمانسارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، خاربىن 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارا ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى.

ئۇلار: بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف ۋە رەپىقىسى جاپاروۋا، پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى، تايلاند زۇڭلىسى پېي تۇڭتەن، كورېيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى يۈ يۈەنجى ۋە رەپىقىسى شېن جىڭخۇي ھەمدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ، ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى خو جېنتىڭ قاتارلىقلار.

باھار بايرىمىدىكى مۇز شەھىرى كۈمۈش لىباسقا ئورالدى، قار مول ھوسۇللۇق يىلدىن دېرەك بېرىدۇ.

شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن ئۆزئارا باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى، سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ مىللەتلەر كىيىملىرىنى كىيگەن 40 ئۆسمۈر - بالا يېقىملىق خېيلۇڭجياڭ خەلق ناخشىسى «ئۇسسۇرىدىكى كېمىچى ناخشىسى»نى ئېيتىپ، خەلقئارا ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.

زىياپەت زالىدا، قار - مۇز كاتتا مەرىكىسى بىلەن قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن باھار بايرىمى كەيپىياتى ئۆزئارا گىرەلىشىپ، خۇشال، ئىناق مەنزىرە نامايان بولغانىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزى قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارا ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى بۈگۈن كەچتە تۇتاشتۇرۇلىدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن خاربىن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغىچە، جۇڭگودا «قار - مۇز قىزغىنلىقى» چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارالدى، شۇنداقلا دۇنيا قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ قوشتى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشقان دۆلەت ۋە رايون سانى، تەنھەرىكەتچى سانىدا ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشى ۋە ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى رايون ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، خاربىن دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك «جۇڭگو خاسلىقىغا ئىگە، ئاسىيا سالاپىتىنى نامايان قىلىدىغان، قالتىس بولغان» تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسىنى نامايان قىلىپ، يېڭى قار - مۇز سەھىپىسىنى پۈتىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە «قار - مۇزدا ئورتاق ئارزۇنى پۈتۈش، ئاسىيا قەلبداش بولۇش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاسىيا خەلقىنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، دوستلۇققا بولغان ئورتاق ئارزۇسى ۋە ئىنتىلىشى مۇجەسسەملەنگەن. تىنچ، ئىناق بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق ئارزۇنى چىڭ ساقلاپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ئۈچۈن ئاسىيا كۈچىنى قوشۇش كېرەك. گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت ئورتاق ئىنتىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ئۈچۈن پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. يۇغۇرۇلۇش، ئىناق ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئورتاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خاربىن جۇڭگو ھازىرقى زامان قار - مۇز تەنھەرىكىتى باشلانغان جاي. «قار - مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق»، قار - مۇز مەدەنىيىتى ۋە قار - مۇز ئىقتىسادى خاربىننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى يېڭى قۇۋۋەتكە ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى ۋاسىتىگە ئايلانماقتا. كۆپچىلىكنىڭ قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇرغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان بۇ قارا تۇپراقتا بەھۇزۇر ساياھەت قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىزنالىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، گۈزەل ھەم ئۇنتۇلغۇسىز قار - مۇز ئەسلىمىسى قالدۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز. تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە يىلان يىلىدا يىلاندەك غەيرەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ياخشى نەتىجە يارىتىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

سەي چى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، شېن يىچىن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

قارشى ئېلىش زىياپىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئەزىز مېھمانلار خېيلۇڭجياڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىدىن ھۇزۇرلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ