شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكا ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ شۇ كۈنى بىر تۈرلۈك مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ جەنۇبىي چېگرا ئارقىلىق ئامېرىكىغا كىرىشىنى توستى. ترامپ دۆلەت زېمىن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە گوۋۇيۈەنگە بارلىق زۆرۈر ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرگەن چەت ئەللىكلەرنى دەرھال قايتۇرۇش ۋە قوغلاپ چىقىرىش توغرىسىدا ھوقۇق بەردى ھەم يوليورۇق بەردى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: قانۇنسىز كۆچمەنلەر بارلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزدى. ترامپ ئىلگىرى مۇنداق بىلدۈرگەنىدى: قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئامېرىكا ئىشچىلىرىغا زىيان يەتكۈزدى، ئامېرىكىدىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتتى، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شۇ جايدىكى مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە مەھەللىلەرگە غايەت زور بېسىم ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا ھەر يىلى ئامېرىكىغا نەچچە مىليارد دوللار زىيان سالدى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ بارلىق قانۇنلۇق ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ بۇ كىرىزىسقا تاقابىل تۇرماقچى بولدى.