شى جىنپىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن باھار بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارغا، بىرلىك سەپتىكى كەڭ ئەزالارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى

ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى قاتناشتى

2025.01.21 13:50 مەنبە: خەلق تورى

1 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، شى جىنپىڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن خۇشال ـ خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى يىسى يىلان يىلىدىكى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال ـ خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارغا، بىرلىك سەپتىكى كەڭ ئەزالارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى قاتناشتى.

جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو دېھقان ـ ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې ۋېي، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، 3 ـ سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى شيې شياۋلياڭ، شۈ ۋېيگاڭ قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. تەكلىپ بىلەن قاتناشقانلاردىن يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسلىرى، بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسلىرى بار.

سەي دافېڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: 2024 ـ يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم قارارنى چىقىرىپ، خىرىسقا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات ـ تەرەققىياتتا تەستە قولغا كەلگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. يېڭى بىر يىلدا، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بېرىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

سەي دافېڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 2024 ـ يىلى بىز ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەن، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بىر يىل بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سالماقلىق بىلەن ئۆزگىرىشكە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلىدى. بىز ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تەرەپلەرنى پايدىلىق شارائىت ۋە پايدىسىز ئامىللارنى توغرا ئىگىلەشكە يېتەكلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلىدۇق، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ئاشۇردۇق. بىز تۈرلۈك ساقلانما مىقدار سىياسەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسەتلىرىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولدۇق، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلاندى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %5 ئاشتى. بىز ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكا ئالدىنقى سېپىدە بىر قاتار يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدۇق. بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ماس ئىلگىرىلىشىگە ئەھمىيەت بەردۇق، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش پۇختا، كۈچلۈك بولدى، خەلق ئاممىسى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى. بىز تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق. بىز جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشتۇق. بىز پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلىدۇق. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ، قەيسەرلىك بىلەن پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2024 ـ يىلى يەنە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىق ئىشلىرى توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق ياراتقان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان بىر يىل بولدى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پائال تۈردە تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشى ئۈچۈن پائال رولىنى جارى قىلدۇردى. مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قوللاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى!

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2025 ـ يىلى «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ، «15 ـ بەش يىل»نى ياخشى باشلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قەلبلەرنى مۇجەسسەملىشى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشى، ئەقىل ـ پاراسەتنى مۇجەسسەملىشى، كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارغا ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ بۇ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، قەلبلەرنى ئىللىتىش، قەلبداش بولۇش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئاكتىپ ئامىللارنى تەرەققىيات نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، مەركىزىي خىزمەتنى چىڭ كۆزلەپ، پائال تۈردە چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىش، كۈچ چىقىرىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، «15 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈش تەكلىپى قاتارلىقلارنى زىچ چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، داۋاملىق تۈردە دىققەتنى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتىنى قوغداشتىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى ساقلاشقا، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇشقا يېتەكلىشى، پۇقراۋى كارخانىلارنى جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك. ئۈچىنچى، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسىي يېتەكچىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەڭ ئەزالارنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماي، ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىنتىزام ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىستىلنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

شى تەيفېڭ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ