شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى «شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە دائىر سوئال - جاۋابلار» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «سوئال - جاۋابلار» دېيىلدى) ناملىق كىتابنى تەشكىللەپ تۈزدى، ئۆگىنىش نەشرىياتى، خەلق نەشرىياتى بىرلىشىپ نەشر قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.
«سوئال - جاۋابلار» ناملىق كىتاب يېڭى دەۋر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، دىققەتنى نەزەرىيەۋى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، سوئال - جاۋاب شەكلى ئارقىلىق شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، ئىلمىي سىستېمىسى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر نامايان قىلغان بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. «سوئال - جاۋابلار» جەمئىي ئون بۆلەك، 50 سوئالغا بۆلۈنگەن، مەزمۇنى مول، شەكلى يېڭىچە، سۈرەت بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلگەن، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىدىكى مۇھىم ياردەمچى ئوقۇشلۇق.