شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

2025.01.22 14:46 مەنبە: خەلق تورى

1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى

1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر دۇڭ شۆ) 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا يېڭى يىللىق بەخت تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن جۇڭگونىڭ باھار بايرىمى بولىدۇ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىدىغان بۇ پەيتتە زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن سىنلىق ئۇچراشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، يېڭى بىر يىلدا جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكداشمەن. پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى يىل باشلىنىپلا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ باھار بايرىمىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىگە، ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2024 - يىلى، بىز ئۈچ قېتىم ئۇچرىشىپ، نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى، مەڭگۈ ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتۈش، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى مەنىۋى ئىچكى يادرو قىلغان جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى. جۇڭگو - رۇسىيە مەدەنىيەت يىلى قالتىس ئۆتكۈزۈلدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا زىچ ھەمكارلىشىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى بىر يىلدا، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرۈشكە داۋاملىق يېتەكلەپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە مۇستەھكەملىكى ئارقىلىق تاشقى مۇھىتنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايمەن. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يوللۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت بۇنى پۇرسەت بىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى ۋە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى بىرلىكتە قەتئىي قوغداپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىشى كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو رۇسىيە تەرەپ ۋە باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش، تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان بولۇپ نەتىجە يارىتىش يېڭى باسقۇچىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە يەنە «بۈيۈك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى»غا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگو باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىگە ئىشىنىپ، بىر - بىرىنى قوللاپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئەزەلدىن خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدا ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۆزئارا زىيارەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقانلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا قويۇق ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. رۇسىيە تەرەپ تەيۋەننىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. 80 يىل ئىلگىرى، رۇسىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغدىدى. بۇ يىل بىز دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى بىرلىكتە داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى قوغدىشىمىز كېرەك. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېڭى بىر يىلدا ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاشقا قوشۇلدى.

ۋاڭ يى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ