شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن، دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ بىلەن جۇڭگو - ۋىيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى چياڭ ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025.01.20 13:53 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن، ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك دوستانە قوشنا دۆلەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى قاينام - تاشقىنلىق يىللاردا، ئىككى تەرەپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلدى، بىر - بىرىنى قوللىدى، «ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق رىشتى چوڭقۇر، يولداش ھەم قېرىنداش» بولۇشى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ جانلىق كۆرۈنۈشكە ئايلاندى. سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇش، تەقدىرداش بولۇش ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندى. مەن 2023 - يىلى ۋىيېتنامدا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدۇم، ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى جاكارلىدى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلىسىز شەكىلدە نامايان بولماقتا، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم يولىدا داۋاملىق ياخشى مېڭىشى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە، دۇنيا سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ھەم «جۇڭگو - ۋىيېتنام ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى»نى پۇرسەت بىلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە داۋاملىق جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، دۇنيا سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

سۇ لىن مۇنداق بىلدۈردى: 75 يىلدىن بۇيان، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، «ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق رىشتى چوڭقۇر، يولداش ھەم قېرىنداش» بولۇشتەك ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملىدى. ۋىيېتنام پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر ۋىيېتنامنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى ئىزچىل تەشەببۇسى ۋە 1 - دەرىجىلىك ئالدىن تاللىشى دەپ قارايدۇ. خەلقئارا، رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم قويغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋىيېتنام - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يېتەكچىلىكىدە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ، ۋىيېتنام - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

لياڭ چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيانقى تارىخىي ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ ئارزۇسى ۋە كەلگۈسى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، رايون ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋىيېتنام - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگونىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى جەزمەن غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگونى باي - كۈچلۈك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەن يولداش زۇڭلى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

فەن مىڭجېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ھەرقايسى جايلىرىغا بولغان ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ «ئالتە تېخىمۇ» توغرىسىدىكى ئورتاق تونۇشىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ