1-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ داۋوستا دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2025-يىللىق يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىپ، «كۆپ تەرەپچىلىكتىن ئىبارەت توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
1-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ داۋوستا دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2025-يىللىق يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىپ، «كۆپ تەرەپچىلىكتىن ئىبارەت توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق دېدى: سەككىز يىل ئىلگىرى، دەل مۇشۇ جايدا، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم نۇتۇق سۆزلەپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى قوللاش، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق يارىتىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئېنىق جاۋاب بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى مۇھىم يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. نۆۋەتتە، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە راۋاجلانماقتا، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى چوڭقۇر تەڭشىلىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى يەنە بىر قېتىم ئاچقۇچلۇق تۆت كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قالدى. بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم نۇتقىنى قايتا ئەسلەپ، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، بوران-چاپقۇندا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئادىل دۇنيا قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ تۆت تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئارقىلىق ھەمكارلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت قوش پايدا ئېلىش، كۆپ پايدا ئېلىش يولىنى تېپىپ چىقىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىكى «تورت»نى تېخىمۇ زورايتىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ ياخشى تەقسىملەش كېرەك. ئىككىنچى، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق قوغداپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغداپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ھوقۇق-مەنپەئەت باراۋەرلىكى، پۇرسەت باراۋەرلىكى، قائىدە باراۋەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، كەمسىتىشتىن خالىي خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئورتاق يارىتىپ، رەقەملىك دەۋردىكى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنى رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتى تېز پويىزىغا چىقىرىش كېرەك. تۆتىنچى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئېغىر، زور دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ۋە دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئالغا سىلجىتىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىش خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇردى. بىرىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئىقتىسادنىڭ يېڭى-كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچى تېز شەكىللىنىۋاتىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى. جۇڭگو ماكرو سىياسەتنىڭ سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇۋاپىق كەڭ پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. ئىككىنچى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلدى. جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرىنى قۇرۇپ چىقتى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇش ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتى ئۆزگەرمەيدۇ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىشنى ئىزچىل ماس ئالغا سىلجىتىدۇ. ئۈچىنچى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز تۈردە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويدى. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بازار مۇھىتى يارىتىپ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئەڭ زور چەكتە ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئۈنۈمنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ، تىجارەت-سودا مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ. تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش داۋامىدا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز.
دىڭ شۆشياڭ سۆزىدە خەلقئارا تەرتىپ، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ بەرپاچىسى، قوشۇمچە ئىجرائىيە رەئىسى شۋابنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
يىغىنغا قاتناشقان مەزگىلدە، دىڭ شۆشياڭ يەنە سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچى، ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى دېڭ خۇڭسېن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.
شۇ كۈنى، دىڭ شۆشياڭ شىمېنزى شىركىتى، ABB گۇرۇھى، خېيشى گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى قاتارلىق خەلقئارا سودا-سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇلار جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان سىياسەت-تەدبىرلىرىگە ئىجابىي باھا بېرىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا نىسبەتەن تولۇپ تاشقان ئىشەنچى بارلىقىنى، جۇڭگوغا سىجىل دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، جۇڭگوغا مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.