خەن جېڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2025.01.22 14:48 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ تەكلىپكە بىنائەن ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئامېرىكىدىكى مەزگىلدە، خەن جېڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان ۋانس بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ تەكلىپكە بىنائەن ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئامېرىكىدىكى مەزگىلدە، خەن جېڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان ۋانس بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ ۋەكىلى، تېسلا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ماسك، بىرۇكىنس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى سانتون قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.

ۋانس بىلەن كۆرۈشكەندە، خەن جېڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ ترامپقا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى ھەم ۋانسنىڭ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىندا رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن تېلېفوندا مۇھىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

خەن جېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات نىشانى ۋە ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرماقتا. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرسىلا، چوقۇم بىر-بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتكە بەخت يارىتالايدۇ ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشالايدۇ. ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلە، گەرچە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ئىختىلاپ، سۈركىلىش بولسىمۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە ھەمكارلىق بوشلۇقى غايەت زور، ئىككى تەرەپ بۇ ھەقتە سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىشنى كۈچەيتسە بولىدۇ.

ۋانس خەن جېڭغا زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ ترامپ يېقىندا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ياخشى پىكىر ئالماشتۇردى. ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى ئامېرىكا-جۇڭگو ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا كۈنسېرى مۇھىم تەسىرىنى جارى قىلدۇرماقتا، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك، مول نەتىجىلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى سۆزلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە، خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاش جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق بەخت-سائادىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسى ئىزچىل جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى قوللايدىغان تايانچ كۈچ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ۋە جۇڭگونىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشىنىڭ قاتناشقۇچىسى، گۇۋاھچىسى، تۆھپە قوشقۇچىسى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىسى. جۇڭگو ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلايدۇ، ئەلالاشتۇرىدۇ. ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ داۋاملىق جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىپ، جۇڭگودا يىلتىز تارتىپ، كۆۋرۈكلۈك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسىنىڭ ۋەكىلى مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو دۇنيادىكى ھاياتىي كۈچكە ئەڭ باي ۋە پەن-تېخنىكىسى ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئالدىنقى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجابىي ۋە مۇقىم بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك. ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى ۋە جۇڭگودىكى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئۈمىد باغلايدۇ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىنى قوللاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ماسك ۋە سانتون بىلەن كۆرۈشكەندە، خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق كەڭ ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ خەلق ئاممىسى ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىشى ۋە مۇستەھكەملىشىنى قارشى ئالىمەن.

ماسك ۋە سانتون مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق پائال رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ