جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇتەخەسسىسلەر، كارخانىچىلار ۋە مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە-تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»قا بولغان پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ ئۆتتى.
سۆھبەت يىغىنىدا جاڭ خۇي، رېن شاۋبو، ليۇ جۈن، لياڭ ۋېنفېڭ، ۋېي خۇڭشىڭ، چېن شۆدۇڭ، چېن خۇڭيەن، دۇ بىن، زوۋ جىڭيۈەن قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: بۇلتۇر تاشقى بېسىم زورىيىش، ئىچكى قىيىنچىلىق كۆپىيىشتەك مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، دۆلىتىمىز ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىجادىي سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ بىرقەدەر تېز ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، بازار كۆزلىمىسى ۋە جەمئىيەت ئىشەنچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتتى، نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى. كۆپچىلىك يەنە ئۆز ساھەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھازىرقى تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، پۈتۈن يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، «مۇقىملىق» ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى، «ئىلگىرىلەش»نىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ تاشقى مۇھىتتىكى ئېنىقسىزلىق، مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىز تۈزۈم، بازار، كەسىپ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىككە ئىگە، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلساقلا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى چوقۇم ئىلگىرى سۈرەلەيمىز.
لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇۋاپىق كەڭ پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مالىيە سىياسىتىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ كۈچەپ، ئەمەلىي چىقىمنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش، پۇل سىياسىتىدە ئوبوروتنىڭ يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، مەبلەغنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا تولۇق يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سىياسەتنىڭ ماسلىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك سىياسەت مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ئىچى-سىرتى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى يېقىندىن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، سىياسەت-تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، سىياسەت قورال ساندۇقىنى تولۇقلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش، يەككە تەرەپلىك ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك كېڭەيتىش كېرەك. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى-كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
لى چياڭ كۆپچىلىكنىڭ ئۆز ساھەسىدە جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى پائال ئىنكاس قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ سىياسەت-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
ۋۇ جېڭلۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»قا جايلار، تارماقلاردىن ماس قەدەمدە پىكىر ئېلىندى.