لى چياڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى

2025.01.22 14:43 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 1-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې ۋېي، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى ۋۇ شياڭپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى ناھايىتى قالتىس بولدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سالماق ھالدا ئۆزگىرىشكە ماسلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدى. كۆپچىلىك بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى چۆرىدەپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىقلار ھەققىدە پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

لى چياڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»قا ياخشى تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە زور ياردىمى بارلىقىنى، گوۋۇيۈەننىڭ ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم قىيىنچىلىققا توغرا قاراپ، تېخىمۇ مۇھىمى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى خىرىسقا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، تىرىشىپ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئاكتىپ ئامىللارنى تەرەققىيات ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش كېرەك.

لى چياڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قوللاشنى ئىلگىرىكىدەكلا كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كىشىلەر قەلبىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

شى تەيفېڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، شاۋ خۇڭ، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ