جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

«مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە مۇھاكىمە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەھۋال دوكلاتى» «خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2025.01.21 13:50 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 1 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا «مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە مۇھاكىمە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەھۋال دوكلاتى» «خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ 2024 ـ يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارنىڭ 2025 ـ يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلدى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، بەش پارتىيە گۇرۇپپىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى بىر يىلدا، بەش پارتىيە گۇرۇپپىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، يۆنىلىشتە بىردەك بولۇش، بۇيرۇقنى قەتئىي ئىجرا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى مەۋقەنى ئۆز مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، سىياسىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى قاتتىق كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە ۋە مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇزاق مەزگىللىك ئۇلۇغۋار پىلان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش، تۈزەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تەلەپنى مەھكەم ئىگىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قانۇنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، سۇ بىلەن نوپۇس، ئاشلىق، ئېنېرگىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى نۇقتىلىق ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تەرەققىيات شەكلىدە ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ كۆلەمدە ماسلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئېقىندا سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ئىقتىدارىنى سىستېمىلىق ئۆستۈرۈش، ئوتتۇرا ئېقىندا سۇ ـ تۇپراقنى ساقلاشنى كۈچەيتىش، تۆۋەن ئېقىندا سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيەنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سۇ بايلىقىنى ئەڭ چوڭ قاتتىق چەكلىمە قىلىپ، سۇ تېجەش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئۇزاققىچە تىنچ ئېقىشىغا قىلچە بوشاشماي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇھىم توسما، سۇ ئامبارلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، ئوتتۇرا قىسىم قەد كۆتۈرۈش قاتارلىق رايون ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسى مەدەنىيىتىنى قوغداپ، ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە سىستېمىلىق قوغداشنى كۈچەيتىپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋە مىللەتنىڭ يىلتىزىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەز رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك ـ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، زور ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ