1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلاردىن ھال سوراش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرغان باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئويۇننى كۆردى، ئويۇن كۆرۈشكە قاتناشقان ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلار، پۈتۈن ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلارغا بايراملىق سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى بېيجىڭدا بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلاردىن ھال سوراش مۇناسىۋىتى بىلەن باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئويۇننى كۆردى، ئويۇن كۆرۈشكە قاتناشقان ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلار، پۈتۈن ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلارغا بايراملىق سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى.
باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، پايتەخت بېيجىڭ بايراملىق خۇشال كەيپىياتقا چۆمدى، جۇڭگو تىياتىرخانىسىغا پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلىپ، ئىللىق تۈس ئالغانىدى، يېڭى جۇڭگونى قۇرۇش، قوغداش، گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلار خۇشال جەم بولۇپ، باھار بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەردە، شى جىنپىڭ پېشقەدەم يولداشلار ئارىسىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئەھۋال سورىدى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى، ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيە ئىشلىرىدا بېسىپ ئۆتكەن قالتىس مۇساپىنى، قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلەرنى بىرلىكتە ئەسلەپ ئۆتتى. پېشقەدەم يولداشلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز.
«قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش قەدىمى كەڭ زېمىننى زىلزىلىگە سالدى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قوشۇنىنىڭ بايرىقى ئېگىز جەۋلان قىلدى...» «مېنىڭ جەڭ ئورنۇم، مېنىڭ يىللىرىم» ناملىق شادىيانە ناخشا - ئۇسسۇل بىلەن ئويۇننىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. ئويۇندا ئەدەبىيات - سەنئەت جەڭگىۋار ئەترىتىنىڭ ئەسكەرلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قىزغىن بولغان ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئەمەلىيىتى نامايان قىلىنىپ، قەتئىي ساداقەتمەنلىك بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى سىڭدۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى ئىستىلى، توغرا كەيپىياتى گەۋدىلىك ئەكس ئەتتۈرۈلدى. «ئەگىشىش» ناملىق ئومۇمىي خوردا كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتەك ئورتاق يۈرەك ساداسى چوڭقۇر ئىپادىلەندى. چالغۇ بىلەن ئورۇنلانغان نومۇر «ھەر ۋاقىت جەڭگە تەييار تۇرۇش»، «ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش شان - شەرەپ» ناملىق ناخشا - ئۇسسۇل ئارقىلىق ئەمەلىي جەڭ - ئەمەلىي تەلىم - تەربىيە بويىچە ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش مەنزىرىسى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ باتۇر، قورقماس پولاتتەك ئىرادىسى ۋە ھەر ۋاقىت جەڭ قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان، ھەر ۋاقىت غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان جەڭگىۋار ھالىتى نامايان قىلىندى. «چېگرا قاراۋۇلخانا جەڭ ناخشىسى» ناملىق ناخشىدا چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ چېگرا مۇداپىئە بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشتەك مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ھېسسىياتى ئىپادىلەندى. «پارتىيەنىڭ قىزى»، «يىمېڭغا مەدھىيە»دىن ئارىيە ۋە «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي سىياسىي داشۆسىنىڭ مەكتەپ مارشى»، «بىز ماڭىمىز داغدام يولدا» قاتارلىق كىلاسسىك ناخشىلارنى ئېيتىپ، قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى قايتا ئەسلەپ، كۈرەش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى. «كىيىم يۇيۇش ناخشىسىنى قايتا ئېيتىش» ناملىق ۋەقەلىك ئاساسىدىكى ناخشا - ئۇسسۇلدا ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن مۇھەببىتى، بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەشتەك تەسىرلىك مەنزىرە ئەكس ئەتتۈرۈلدى. «خىسلەت» ناملىق قىسقا تىياتىر، «مىلتىقىڭىزنى ئۆتكۈزۈۋالدىم» ناملىق كىچىك خوردا ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ كۈرەش ھېكايىسى ۋە ياش ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ھېكايىسى بايان قىلىنىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتەك قەتئىي ئېتىقادى نامايان قىلىندى. «شەرەپ بىلەن ئاتلىنىش» ناملىق ئومۇمىي خوردا ياڭراق مېلودىيە ئارقىلىق ئويۇن كەيپىياتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، قەرەلىدە تاماملاش، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ بىرىنچى قاتاردا تۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچى نامايان قىلىندى. پۈتۈن ئويۇن تېجەشلىك، ئاددىي بولۇپ، ئارمىيە پۇرىقى، جەڭ پۇرىقى قويۇق بولۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش مەدەنىيىتىنىڭ جەڭدە غەلىبە قىلىش ئىرادىسىنى تاۋلاش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتەك ئۇلۇغۋار قىياپىتى نامايان قىلىندى.
جاڭ يوۋشيا، خې ۋېيدۇڭ، ليۇ جېنلى، جاڭ شېڭمىن بىللە كۆردى.
ئويۇننى كۆرگەنلەردىن يەنە ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئارمىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى رەھبەرلەر ۋە قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بار.