قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف 22-چېسىلا مۇنداق بىلدۈردى: قازاقىستان-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قازاقىستان دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىش، بىز ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايمىز.
توقايېف جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خەن چۈنلىن تاپشۇرغان دۆلەت مەكتۇبىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقىدەك بىلدۈردى. خەن چۈنلىن مۇنداق بىلدۈردى: ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن.
خەن چۈنلىن 2024-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى قازاقىستانغا بېرىپ يېڭى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان.