شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئورگان تورىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلدى، دەپ قارايدىغانلىقى توغرىىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى مىكروسوفتقا دەسلەپكى قەدەمدە مىكروسوفتنىڭ ئۆزىنىڭ خەۋەرلىشىش ۋە ھەمكارلىق مەھسۇلاتىTeams نى كارخانا يۈرۈشلۈك دېتالىOfice 365 ۋە Micrsoft 365 ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگراممىلار بىلەن باغلىغانلىقىنى، بۇ قىلمىشنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قائىدىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بېكىتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: مىكروسوفتنىڭ قىلمىشى «ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەرىكەت شەرتنامىسى»نىڭ 102-ماددىسىدىكى «بازارنى ئىدارە قىلىش ئورنىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش مەنئى قىلىنىدۇ» دېگەن بەلگىلىمىگە خىلاپ. 2023-يىل 7-ئايدا، ياۋروپادىكى كۆپلىگەن شىركەت ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىغا ئەرز ئىلتىماسىنى سۇنۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن مىكروسوفتنىڭ خەۋەرلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش مەھسۇلاتى Teams نى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.