شى جىنپىڭ تىرىنىداد ۋە توباگو زۇڭتۇڭى كانگالو بىلەن جۇڭگو - تىرىنىداد ۋە توباگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024.06.21 14:30 مەنبە: خەلق تورى

6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تىرىنىداد ۋە توباگو زۇڭتۇڭى كانگالو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تىرىنىداد ۋە توباگو كارب رايونىدىكى مۇھىم دۆلەت، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ بۇ رايوندىكى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھى. جۇڭگو بىلەن تىرىنىداد ۋە توباگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ياراتتى. مەن جۇڭگو - تىرىنىداد ۋە توباگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ خانىم بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن تىرىنىداد ۋە توباگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

كانگالو مۇنداق بىلدۈردى: تىرىنىداد ۋە توباگو بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش ئورتاق ئارزۇسى ئاساسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئۇزاقتىن بۇيان، تىرىنىداد ۋە توباگو بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەسلىي مەقسىتىنى باشتىن - ئاخىر ئۇنتۇماي، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى رىشتىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتتى. ئىشىنىمەنكى، يېڭى دەۋردىكى تىرىنىداد ۋە توباگو - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتكە ئۈزلۈكسىز بەخت - سائادەت يارىتىدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ تىرىنىداد ۋە توباگو زۇڭلىسى روۋلې بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: تىرىنىداد ۋە توباگو جۇڭگونىڭ كارب رايونىدىكى ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - تىرىنىداد ۋە توباگو مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، تىرىنىداد ۋە توباگو تەرەپ بىلەن بىللە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشنى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

روۋلې مۇنداق بىلدۈردى: تىرىنىداد ۋە توباگو - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، بىر - بىرىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق ئاساسىدا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. تىرىنىداد ۋە توباگو بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ خاتىرجەملىكى، بەختىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ