لى چياڭ 2024-يىللىق يازلىق داۋوس مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2024.06.26 13:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 25-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن داليەندە 2024-يىللىق يازلىق داۋوس مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مۇھىم ئۆتكەلگە دۇچ كەلدى. بىز دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن ئېشىش قىيىنچىلىقىغا توغرا قاراپ، تەرەققىيات مەسىلىسىگە تېخىمۇ يىراق كەلگۈسىدىن نەزەر سېلىپ، تەرەققىيات مەسىلىسىگە تېخىمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئورتاق چوڭ تورت ياساش داۋامىدا ئۆزىمىزنىڭ مۇۋاپىق مەنپەئەتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسىنى ئېچىشىمىز كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈردى ۋە زورايتتى. جۇڭگونىڭ يېڭى كەسىپلىرى تېز گۈللىنىپ دۇنيا پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى، يېشىل تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ماسلاشتى، ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازىرى، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى، مول ئادەم كۈچى ئىختىساسلىقلار بايلىقى، كۆپ خىللاشقان ئەمەلىي قوللىنىش مەنزىرىسى قاتارلىق ئۆزگىچە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىغا تېخىمۇ زور ھەمكارلىق بوشلۇقى يارىتىپ بەردى.

لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش چوڭ يۆنىلىشىنى باشتىن-ئاخىر ئىگىلەپ، كەلگۈسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ كەڭ بوشلۇقىنى ئېچىشىمىز كېرەك. بىرىنچى، پەن-تېخنىكا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئوچۇق، ئادىل، كەمسىتىشتىن خالىي مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئىككىنچى، يېشىل تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئوچۇق بازار مۇھىتىنى قوغداپ، لاگېر قارشىلىشىشىنى چۆرۈپ تاشلاپ، «ئالاقىنى ئۈزۈش، ئاجىزلاشتۇرۇش»قا قارشى تۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە راۋانلىقىنى قوغداپ، دۇنياۋىلىشىشنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ۋە ئىدارە قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك.

لى چياڭ سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن جۇڭگو ئىقتىسادى ۋە گۈللەنمە كەسىپلەر توغرىسىدا دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى شىۋابنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلدى: ئاساسنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسى تېرەكلىك رولىنى كۈچەيتىپ، سىياسەت «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىش كېرەك.

پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا، ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. 100 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن 1700 دىن ئارتۇق ھەر ساھە ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ