«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتاب بويىچە جۇڭگو - تاجىكىستان ئوقۇرمەنلەر يىغىنى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلدى

2024.06.24 15:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتاب بويىچە جۇڭگو - تاجىكىستان ئوقۇرمەنلەر يىغىنى تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ سىياسىي ساھەسى، ئىلىم ساھەسى، نەشرىيات ساھەسى قاتارلىق ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن 150تىن ئارتۇق كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار مۇنداق قارىدى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە تەرەققىيات تومۇرى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلگەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو دۆلەت ئىدارە قىلىش ۋە يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش مەسىلىسىگە بولغان چوڭقۇر ئويلىنىشى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان، تاجىك تىل - يېزىقىدىكى نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىشى تاجىكىستان تەرەپ ئوقۇرمەنلىرىنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۈشىنىشى ئۈچۈن نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلىدى.

يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلىرى كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى؛ جۇڭگو تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، شەرق - غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينىدى. بۇ پائالىيەتنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىدارىسى ۋە جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندىكى باش ئەلچىخانىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ