6 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2024 ـ يىللىق «گۇلىڭ رىشتىسى» جۇڭگو ـ ئامېرىكا ياشلار ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 100 يىلدىن ھالقىغان گۇلىڭ رىشتىسى جۇڭگو ـ ئامېرىكا خەلقلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسىدىكى بىر بۆلەك ئېسىل داستان، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ياشلارنىڭ فۇجوۋدا جەم بولۇپ، گۇلىڭ ھېكايىسىنى قايتا ئەسلەپ، گۇلىڭ رىشتىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ياشلار ئەڭ جۇشقۇن، ئارزۇغا ئەڭ باي، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ياشلاردا. سىلەرنىڭ چوڭقۇر ئالماشتۇرۇپ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈپ، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشۇڭلارنى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە تىنچلىقنى ئورتاق بەرپا قىلىشىڭلارنى، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشۈڭلارنى، گۈللىنىشنى ئورتاق يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
2024 ـ يىللىق «گۇلىڭ رىشتىسى» جۇڭگو ـ ئامېرىكا ياشلار ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى شۇ كۈنى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجوۋ شەھىرىدە باشلاندى، پائالىيەتنى جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى، فۇجيەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى ئۆتكۈزدى.