شى جىنپىڭ 2024 - يىللىق دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2024.06.21 14:32 مەنبە: خەلق تورى

6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2024 - يىللىق دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ مۇھىم قوزغاتقۇچ كۈچى بولۇپ، يەرشارىۋى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يۈكسىلىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش جەھەتتىكى تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

2024 - يىللىق دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسى «ئەقىل - پاراسەت ئارقىلىق دۇنياغا يۈزلىنىش، كەلگۈسىگە ھاياتىي كۈچ بېغىشلاش»، كۆرگەزمىنى تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن چۇڭچىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ كۈنى تيەنجىن شەھىرىدە باشلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ