شى جىنپىڭ چىڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ چىڭخەي سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

2024.06.21 14:33 مەنبە: خەلق تورى

6 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چىڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ گولو شىنىڭ مىللەتلەر ئوتتۇرا مەكتىپىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

6 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چىڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شىنىڭ شەھىرى چېڭجۇڭ رايونىدىكى خۇڭجۆ بۇتخانىسىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىنىڭ، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا چىڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: چىڭخەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، چىڭخەينىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا، ئورتاق بېيىشتا چىڭ تۇرۇپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ چىڭخەي سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

6 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن گاڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى ۋۇ شياۋجۈننىڭ ھەمراھلىقىدا، شىنىڭ شەھىرىدىكى مەكتەپ، دىنىي سورۇن قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن گولو شىنىڭ مىللەتلەر ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. بۇ، گولو زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق ياتاقلىق تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، شاڭخەي شەھىرى مەبلەغ سېلىپ ياردەم قىلىپ قۇرۇپ بەرگەن. شى جىنپىڭ شاڭخەي قاتارلىق شەرقىي قىسىم رايونلارنىڭ چىڭخەينىڭ مائارىپ خىزمىتى ۋە مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلمىسى، دەرسلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى، تەنتەربىيە چېنىقىشى، پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى، ئاشخانا، ياتاق بىناسىغا كىرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ غىزالىنىش ۋە ياتاق شارائىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئاشخانىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، قۇۋۋەتلىك، تەملىك بولۇشىغا چوقۇم ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى. ئارقىدىن ئۇ تولۇق 1 - يىللىق 1 - سىنىپنىڭ دەرسخانىسىغا كېلىپ، «يېڭى دەۋر، يېڭى يۇرت» باش تېمىسىدىكى ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنى كۆزدىن كەچۈردى. مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس مەزمۇنىنى كۈندىلىك ئوقۇتۇشقا سىڭدۈرگەنلىكىنى ئىگىلەپ، بالىلار سۆزلىگەن يېڭى دەۋردىكى يۇرتىدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئاڭلاپ، بالىلار سىزغان رەسىم ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ، شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مائارىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي - غەربىي رايونلار ھەمكارلىقى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىدىكى بىر مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كىچىكىدىن باشلاپ بالىلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.

ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بەس - بەستە چۆرىدەپ كېلىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ سەمىمىي ھالدا كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: مەن شىنىڭغا كېلىپ تۇنجى بېكەتتە ئوقۇتقۇچىلار ۋە ساۋاقداشلارنى يوقلاپ كەلدىم. شاڭخەي ياردەم قىلىپ قۇرۇپ بەرگەن بۇ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گولو چارۋىچىلىق رايونىدىن كەلگەن ھەر مىللەت بالىلارنى تەربىيەلىگەنلىكىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك، ئەھمىيىتى چوڭقۇر. بالىلارنىڭ بۇ جايدىكى ياخشى شارائىتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ياخشى ئۆگىنىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرى ۋە قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە باغلاپ، تىرىشىپ ئۆز ھاياتىنى جۇلالاندۇرۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ بالىلارنىڭ ئۆگىنىشتە ئۇتۇق قازىنىشى، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ شىنىڭ شەھىرىنىڭ چېڭجۇڭ رايونىغا جايلاشقان خۇڭجۆ بۇتخانىسىغا كەلدى. بۇتخانا ئالدى ھويلىسىدا، خۇڭجۆ بۇتخانىسى دېموكراتىك باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلى باش شۇجىغا خادا تەقدىم قىلدى، راھىبلار ئىسرىقدان كۆتۈرۈپ، ئەتىۋارلىق كۈنلۈك تۇتۇپ باش شۇجىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ چىڭخەي ئۆلكىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيە بازىسى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، بۇتخانىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە دىن خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش، تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ زالغا كىرىپ، بۇتخانىنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خۇڭجۆ بۇتخانىسىدىن ئىبارەت بۇ مىڭ يىللىق قەدىمىي بۇتخانا تارىختىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتلەر بىلەن شىزاڭ بۇددا دىنىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىش جەھەتتە مۇھىم كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت مىراسىنى ياخشى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك. پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلاردىن ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى، مىللەتلەر خىزمىتى، دىن خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. چىڭخەيدىكى شىزاڭ بۇددا دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىنلارنىڭ رايىشلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مىللەتلەرنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، چىڭخەينىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چىڭخەي ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىدا جەزمەن قىلىدىغاننى قىلىش، قىلمايدىغاننى قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈشى كېرەك. بايلىق مۇھىم ئامىلىنى ئۈنۈملۈك توپلاپ، دۇنيا دەرىجىلىك تۇزكۆل كەسىپلەر بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە كەسىپ ئېگىزلىكى، خەلقئارا ئېكولوگىيە ساياھىتى مەنزىلگاھى، يېشىل، ئورگانىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى چىقىرىدىغان جاي بەرپا قىلىشى كېرەك. پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تېخنىكىلارنى كەڭ دائىرىدە قوللىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق زور ئىستراتېگىيەلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، يېشىل يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆلكە ئىچىدىكى رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنىڭ، خەيدۇڭ، خەيشىنىڭ تىرەكلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ناھىيە رايونى ئىقتىسادى، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسى مول، كۆپ خىل، شۇنداقلا ئىنتايىن ئاجىز، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بۇ رايوننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، يېشىل تەرەققىياتتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قانۇنىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلارنى پىلانلاش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېگىزلىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنى تېز يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، يۈكسەلدۈرۈش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ئۈچ دەريا مەنبەسىدىن ئىبارەت بۇ «جۇڭخۇا سۇ مۇنارى»نى ياخشى قوغداش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت بويىچە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ۋە دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي ئۈلگىسى بەرپا قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەش، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە بىلەن دوستانە ئۆتىدىغان كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خەلق رايىغا ياقىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى پۇختا ھەل قىلىش كېرەك. ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، مەنپەئەتلىنىشچانلىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېگىزلىك خاس تېرىقچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يېشىل، ئورگانىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېگىزلىكنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات داڭلىق ماركىلىرىنى يارىتىش كېرەك. ئېگىزلىكتىكى گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جىشىشەندە يۈزبەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چىڭخەي دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ئۆلكە، مىللەتلەر خىزمىتى ۋە دىن خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر زور سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشى، كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى، بولۇپمۇ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۆگىنىپ، ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئىنتىزامغا بويسۇنۇش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھى ۋە چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، قاراشنى ئۆزگەرتىشكە، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇش، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ئارقىلىق توغرا كەيپىياتقا تولغان جەمئىيەت ئېكولوگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

لى گەنجيې، خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ