شى جىنپىڭ پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا بىلەن سۆھبەتلەشتى

2024.06.26 13:32 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

6 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پولشا يېڭى جۇڭگونى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، بۇ يىل جۇڭگو بىلەن پولشا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ پولشا مۇناسىۋىتى باشتىن ـ ئاخىر مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى. بولۇپمۇ سەككىز يىل ئىلگىرى بىز جۇڭگو ـ پولشا مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق قارار قىلغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشى ئومۇميۈزلۈك كېڭىيىپ، چوڭقۇرلىشىپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزدى. ھازىر، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلىسىز شەكىلدە نامايان بولماقتا. جۇڭگو تەرەپ پولشا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ پولشا مۇناسىۋىتىنىڭ بوران ـ چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرەلىشىدىكى ئاچقۇچ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئىككى تەرەپ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىدا. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىن ئىبارەت جۇڭگو ـ پولشا دوستلۇقىنىڭ ئىچكى يادرولۇق مەزمۇنىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، بىر ـ بىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى، لاگېرلار قارشىلىشىشىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ جۇڭگو ـ پولشا ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتى قاتارلىق مېخانىزم، سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىستراتېگىيەلىك ماسلاشتۇرۇش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتارلىق زور تۈرلەردىكى ھەمكارلىقنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، سودا، يېزا ئىگىلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل كەسىپ، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پولشانىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ، قوش يۆنىلىشلىك سېلىنمىنى كېڭەيتىشىنى قوللايدۇ، پولشا تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ پولشا پۇقرالىرىغا قارىتا 15 كۈنلۈك يەككە تەرەپلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت، ياشلار، ئىلىم ـ پەن، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پولشا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

دۇدا مۇنداق بىلدۈردى: 2015 ـ يىلى جۇڭگودا تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ۋە 2022 ـ يىلىنىڭ بېشىدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىكى كۆرۈنۈشلەر ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە، بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور ھاياتىي كۈچىگە گۇۋاھ بولدۇم. مەن جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە چىن قەلبىمدىن قايىل. 2016 ـ يىلى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پولشادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى پولشا ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئابىدە بولۇپ قالدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى پولشاغا نىسبەتەن غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتىدىن دېرەك بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش پولشانىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. پولشا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى باشتىن ـ ئاخىر باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنى ئاساس قىلدى. پولشا تەرەپ جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە چوڭقۇر مەدەنىيىتىدىن يۈكسەك زوقلىنىدۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئىدىيەسىگە ھەمدە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ. پولشا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد ـ سودا، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پولشاغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. پولشا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پولشا ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. كېلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پولشا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، پولشا تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ھەم ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىكى مەيدانى ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش. ھازىر توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىپ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن تىرىشىپ ساقلىنىپ، ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، تىنچلىق سۆھبىتى شارائىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. بۇ، ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ قىسمەن كىشىلەرنىڭ جۇڭگو ـ رۇسىيە نورمال سودىسىنى باھانە قىلىپ زىددىيەتنى يۆتكەپ، جۇڭگوغا قارا چاپلىشىغا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك رامكىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىقتىساد ـ سودا، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن پولشا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ھەرىكەت پىلانى(2024 ـ يىلىدىن 2027 ـ يىلىغىچە)»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى مەيداندا دۇدا ۋە رەپىقىسى ئاگاتا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

دۇدا يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ـ پولشا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. دۇدا شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا دۇدا ئەر ـ خوتۇن ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ