مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت يىغىنى يەنئەندە ئېچىلدى، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2024.06.21 14:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

6 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت يىغىنى شەنشىنىڭ يەنئەندە ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

6 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت يىغىنى شەنشىنىڭ يەنئەندە ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ھەربىي كومىتېت بەنزىسىدىكىلەر ۋە ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنى باشلاپ ۋاڭجياپىڭ ئىنقىلابىي كونا جايغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

 مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت يىغىنى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە شەنشىنىڭ يەنئەندە ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش دەۋر تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزى ئۈستىدە ئۈزۈل - كېسىل ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن تەرتىپكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، ئىقتىدارى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان كۈچلۈك پارتىيە تەشكىلاتىنى تاۋلاپ چىقىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

باۋتاشەن تېغى ئېتىكىدە، يەنخې دەرياسى بويىدىكى ئىنقىلابىي مۇقەددەس جاي يەنئەن بۈك - باراقسان دەل - دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى. 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3لەردە، شى جىنپىڭ ھەربىي كومىتېت بەنزىسىدىكىلەر ۋە ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنى باشلاپ ۋاڭجياپىڭ ئىنقىلابىي كونا جايغا ئېھتىرام بىلدۈردى. ۋاڭجياپىڭ 1937 - يىلى 8 - ئايدىن 1947 - يىلى 3 - ئايغىچە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بولۇپ، يەنئەن مەزگىلىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇھىم تەدبىر بەلگىلەش قوماندانلىق مەركىزى بولغان. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يىغىن زالىدا، شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، يەنئەن مەزگىلىدىكى مۇھىم جەڭلەرنى پىلانلاش، قوماندانلىق قىلىش ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تارىخىي ئىسخېمىلارنى كۆرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىك ئەقىل - پاراسىتى ۋە رەھبەرلىك سەنئىتىنى ھېس قىلدى. شى جىنپىڭ ماۋ زېدۇڭ، جوۋ ئېنلەي، جۇ دې قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ كونا تۇرالغۇسىغا بېرىپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ يەنئەندىكى ئىنقىلابىي كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى ياد ئەتتى. شى جىنپىڭ «تاۋلىن مەيدانى»دىن ئۆتكەندە، شەنشى - گەنسۇ - نىڭشيا چېگرا رايونىنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئەينى يىللاردىكى ئىنقىلابىي ئۈمىدۋارلىق روھىغا تولغان جەڭگىۋار تۇرمۇشنى ئەسلەپ ئۆتتى. شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت زالىدا تارىخىي سۈرەتلەرنى تەپسىلىي كۆرۈپ، كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە ئازادلىق ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئون يىل ئىلگىرى بىز گۇتيەنگە بېرىپ پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى ئاچقانىدۇق، بۈگۈن بىز يەنئەنگە كېلىپ ھەربىي كومىتېتنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى ئېچىپ، يىلتىز مەنبەيىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئىزدىدۇق. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، ۋەزىپىسى مۈشكۈل. پۈتۈن ئارمىيەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشلامچىلىق بىلەن يەنئەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ جۇڭگو يەنئەن كادىرلار شۆيۈەنىگە بېرىپ، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كەسكىن تەدبىر بەلگىلەپ، گۇتيەندە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى ئېچىپ، ئىستىل تۈزىتىش روھى ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتىن تەرتىپكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلدى، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلدى، ئىرادىسىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز، سالمىقىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشتا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەگەر سىياسىي جەھەتتە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش بولمىسا، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىدە ئۇلۇغ ئۆزگىرىش بولمايتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش نەزەرىيەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەت ئىجادىيىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش تەدبىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنىڭ خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇش ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق، سىياسىي خىزمەتنىڭ مەڭگۈ ئارمىيەمىزنىڭ جان تومۇرى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق، سىياسىي جەھەتتىن تەرتىپكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشتە سىياسىي جەھەتتە ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق، ئىدىيەۋى رەھبەرلىكنى ئىگىلەشنىڭ بارلىق رەھبەرلىكنى ئىگىلەشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق، پارتىيەنىڭ كۈچىنىڭ تەشكىلدىن كېلىدىغانلىقى، قىسىمنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنىڭ تەشكىلدىن كېلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق، مىلتىقنىڭ باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە سادىق، ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق، قاتتىق بولغاندىلا قانۇن تۈزۈمنى چىڭىتقىلى، قاتتىق بولغاندىلا ئارمىيەنىڭ ھەيۋىسىنى تىكلىگىلى، قاتتىق بولغاندىلا جەڭگىۋارلىقنى ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق، ئارمىيە ئىچىدە ھەرگىزمۇ چىرىك ئۇنسۇرلارغا يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق، ئىستىل ياخشى بولغاندىلا قەھرىمان قىسىم بەرپا قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئارمىيەمىزنىڭ غەلىبە قىلىش ئەڭگۈشتەرى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق. يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەم ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز بېيىتىش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالى، ئارمىيە ئەھۋالىدا مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئارمىيەمىز سىياسىي جەھەتتە دۇچ كەلگەن سىناق چىگىش، مۇرەككەپ. ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش دەۋر تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنى بىر دەقىقىمۇ توختاتماي ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى مەڭگۈ ساقلاش، باشتىن - ئاخىر باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇرۇشتا جەزمەن غەلىبە قىلىش، باشتىن - ئاخىر ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، باشتىن - ئاخىر ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ بارلىققا كەلتۈرۈش، باشتىن - ئاخىر پاك بولۇپ، شان - شەرەپ قۇچۇش، باشتىن - ئاخىر قانۇن - ئىنتىزامنى چىڭىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋر شارائىتىدا ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ ھازىر ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشتا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ مەسىلىلەر سىياسىي، ئىدىيە، تەشكىلىي، ئىستىل، ئىنتىزام قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ، بۇنىڭ يىلتىزى غايە - ئېتىقاد، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىش، ئەمەلدارلار ئەخلاق - پەزىلىتىدە. ھەر دەرىجىلىك، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئۆزىنى تەتبىقلاپ، يۈز - ئابرۇيىنى قايرىپ قويۇش، يېتەرسىزلىك ۋە ئەيىبىنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلىش جاسارىتى، مەنبەدىن چوڭقۇر قېزىش، روھقا تەسىر كۆرسىتىش پوزىتسىيەسى بىلەن چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئەستايىدىل تۈزىتىپ، ئىدىيە يىلتىزى مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى مۇساپىدە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئالتە جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، ئىدىيەنى ئۆزگەرتىش ئاڭلىقلىقى ۋە ئۈزۈل - كېسىللىكلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئاۋۋال تەربىيە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە سىستېمىسىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈش يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. ئىككىنچى، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى، تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تۇتۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىشتىكى ھەرقايسى ساھە ۋە پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈرۈش كېرەك. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ كېڭىشىش، تەدبىر بەلگىلەش قائىدىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، زور تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىش، باھالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىنى تولۇق، دەل جايىدا چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، بۇ ئۆلچەمنى كادىرلار خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغىچە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كادىرلارنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ئىشىغا قاراپ ئادەمنى بايقاشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچى، توغرىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پۈتۈن زەنجىر بويىچە بەرپا قىلىشنى تۇتۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە تۇتۇپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش كېرەك. قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى، ساھە، تارماقلارنىڭ پاكلىق خىزمىتىنى ئاساسلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى تۇتاشتۇرۇپ، چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى كېڭەيتىش كېرەك. ھوقۇقنىڭ سەپلىنىشى ۋە يۈرگۈزۈلۈشىگە چەك قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىچە چىرىكلىك ۋە يوشۇرۇن چىرىكلىكنى جازالاش قورال ساندۇقىنى بېيىتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى، ھوقۇق ئىشلىتىشىنى ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. بەشىنچى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش روھىي قىياپىتىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئىلمىي بولغان سىياسىي نەتىجىنى تەكشۈرۈش - باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرى تىزىملىكىنى ھەرىكەت ھالىتىدە يېڭىلاپ، «بەش كۆپ بولۇش»نى چوڭقۇر تۈزىتىش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ھەربىيلەرنىڭ تەمىنات كاپالىتى قاتارلىق سىياسەت تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالتىنچى، سىياسىي خىزمەت ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەربىيە بېرىشنىڭ سۆز بىلەن تەربىيە بېرىشتىن ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل ۋە ئوبراز ئارقىلىق قىسىمغا تەسىر كۆرسىتىشى، تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، ھەربىي كومىتېت بىرتۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتى ماسلىشىش - ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى، ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، تىرىشىپ ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيەمىز رەھبەرلىك قىلغان بۇ قەھرىمان قوشۇننى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ تاۋلاپ چىقىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

بۇ قېتىمقى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى شى جىنپىڭ ئۆزى تەدبىر بەلگىلەپ ئاچقان. يىغىن شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئالاقىدار زور مەسىلە توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ يوۋشيا، خې ۋېيدۇڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى. ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى بۆلۈم، كومىتېتلار، ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە قوماندانلىق مەركىزى، ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرى، ھەرقايسى ئارمىيە قىسىم تۈرلىرى، ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ