مەملىكەتلىك پەن ـ تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2024.06.26 13:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ دۆلەت ئالىي پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر قاتارلىقلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن ـ تېخنىكا گۈللەنسە مىللەت گۈللىنىدۇ، پەن ـ تېخنىكا كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پەن ـ تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلىشقا تايىنىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈرۈشكە تايىنىش كېرەك. جەزمەن پەن ـ تېخنىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشلامچىلىق ئورنى ۋە تۈپ تىرەكلىك رولىنى تولۇق تونۇپ، 2035 ـ يىلى پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك

لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، دىڭ شۆشياڭ مۇكاپاتلاش قارارىنى ئوقۇدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى شى قاتناشتى

6 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، مەملىكەتلىك پەن ـ تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 21 ـ قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ 17 ـ قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

6 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، مەملىكەتلىك پەن ـ تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 21 ـ قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ 17 ـ قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2023 ـ يىللىق دۆلەت ئالىي پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋۇخەن داشۆنىڭ ئاكادېمىكى لى دېرېن (ئوڭدا) ۋە چىڭخۇا داشۆنىڭ ئاكادېمىكى شۆ چىكۇن(سولدا)گە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

6 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، مەملىكەتلىك پەن ـ تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 21 ـ قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ 17 ـ قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك پەن ـ تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 21 ـ قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ 17 ـ قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى 6 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ، دۆلەت ئالىي پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر قاتارلىقلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن ـ تېخنىكا گۈللەنسە مىللەت گۈللىنىدۇ، پەن ـ تېخنىكا كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پەن ـ تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلىشقا تايىنىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈرۈشكە تايىنىش كېرەك. جەزمەن پەن ـ تېخنىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشلامچىلىق ئورنى ۋە تۈپ تىرەكلىك رولىنى تولۇق تونۇپ، 2035 ـ يىلى پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

لى چياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، دىڭ شۆشياڭ مۇكاپاتلاش قارارىنى ئوقۇدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى شى قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا يىغىن باشلاندى. ئازادلىق ئارمىيە ھەربىي ئوركېستىرى «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

دىڭ شۆشياڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ 2023 ـ يىللىق دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتى توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى.

مۇراسىم بۇرغىسى چېلىندى، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن 2023 ـ يىللىق دۆلەت ئالىي پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋۇخەن داشۆنىڭ ئاكادېمىكى لى دېرېن ۋە چىڭخۇا داشۆنىڭ ئاكادېمىكى شۆ چىكۇنگە مېدال، گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى، ئۇلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ تەبرىكلىدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىككىيلەن بىلەن بىللە، دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى، دۆلەت تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتى، دۆلەت پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋەكىللەرگە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى.

قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەن ـ تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇل ئالدىنقى قاتار تەتقىقاتىدا يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى تېخنىكا ساھەسى يېڭى ھالقىشنى كۈتۈۋېلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى، پەن ـ تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىپ، خەلقئارا ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدە، بىز قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن مۇھىم تەجرىبە توپلىدۇق، بۇلار ئاساسلىقى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، «تۆتكە يۈزلىنىش»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، پەن ـ تېخنىكا بويىچە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش. بۇ تەجرىبىلەردە جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر راۋاجلىنىپ، يەرشارىۋى تەرتىپ ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى چوڭقۇر دەرىجىدە قايتا بەرپا قىلماقتا. دۆلىتىمىز پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتىدا يەنە بەزى كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەر ساقلانماقتا، جەزمەن تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، پەن ـ تېخنىكا رىقابىتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمىتىگە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر بەلگىلەش قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. بازارنىڭ پەن ـ تېخنىكا بايلىقىنى تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتتىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇل تەتقىقاتنىڭ تەشكىللىك بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەركىن ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۇلى ۋە ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. دىققەتنى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پەن ـ تېخنىكا تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پائال تۈردە يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، ئەمەلىي قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەن ـ تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن ـ تېخنىكا تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى كۈچەيتىش كېرەك. رايون پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكا پىلانىنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن تەتقىقات پائالىيىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولغان تۈرگە ئايرىپ باھالاش سىستېمىسى ۋە باھالاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىسلاھ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا، مائارىپ ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆلىمى زور، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ساپاسى ياخشى بولغان ئىجادچان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تېز تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەسىس قىلىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ قالتىس ئىنژېنېرلار، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ياش پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ پەن تەتقىقات خادىملىرىنى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش، ۋەتەننى سۆيۈپ ئۆزىنى بېغىشلاش، قەتئىي ئىرادە بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش داۋامىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقى تەشەببۇسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىق سۇپىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوللاش كېرەك. يەرشارىۋى يېڭىلىق يارىتىش تورىغا پائال سىڭىشىپ، يەرشارىۋى پەن ـ تېخنىكا ئىدارە قىلىشقا چوڭقۇر قاتنىشىپ، يەرشارىۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىنى ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدىغان قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى ئاكادېمىيەدىكى ئاكادېمىكلارنىڭ پەن ـ تېخنىكا ئالدىنقى سېپىدىكى ياخشى يول ئاچقۇچىلاردىن، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئۈستىگە ئالغۇچىلاردىن، ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ياخشى يېتەكلىگۈچىلەردىن، ئالىملار روھىنىڭ ياخشى ئۈلگە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، دۆلىتىمىز پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئاڭلىق ھالدا ئىلىم ـ پەنگە بولغان ئىنتىلىشىنى پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشقا سىڭدۈرۈپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پەن ـ تېخنىكا خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

لى چياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ پەن ـ تېخنىكىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تەجرىبىلەر چوڭقۇر خۇلاسىلىنىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدىكى مۇھىم رولى مۇپەسسەل بايان قىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ ئاساسىي ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پەن ـ تېخنىكا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا بۇرچ شەرەپلىك، مەسئۇلىيەت ئېغىر بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

يىغىندا لى دېرېن ۋە شۆ چىكۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بارلىق خادىملارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

يىغىندىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى، قىسمەن چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئاكادېمىكلار، دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 3000 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

2023 ـ يىللىق دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتى بويىچە جەمئىي 250 تۈر ۋە 12 پەن ـ تېخنىكا مۇتەخەسسىسى باھالاپ چىقىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىككى كىشى دۆلەت ئالىي پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ 49 تۈر دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر تۈر 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 48 تۈر 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 62 تۈر دۆلەت تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز تۈر 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 54 تۈر 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 139 تۈر دۆلەت پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ تۈر ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 16 تۈر 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 120 تۈر 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ چەت ئەللىك ئون مۇتەخەسسىسكە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇكاپاتى بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ