«56 مىللەتنىڭ بىردەك ئۇيۇشقانلىقى دەل جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى»

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چىڭخەي، نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

2024.06.24 15:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پويىز بىپايان سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتە ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى. ئۇ تاغ ئېدىرلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، دەريالارنى بويلاپ مېڭىپ، مول، قىممەتلىك تارىخ ۋە شانلىق مەدەنىيلىك جۇلالىنىپ تۇرغان سېرىق تۇپراقتىن ئۆتتى.

يەنئەندە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىردەممۇ ئارام ئالماي چىڭخەي، نىڭشياغا باردى. بۇ قېتىم غەربىي شىمالغا كېلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» ئاساسىي لىنىيەسىنى سەپىرىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈردى.

«بىر دۆلەتنىڭ بىپايان زېمىنى دەل پۇقرالار ئولتۇراقلىشىدىغان جاي.» بىپايان زېمىننى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئاچقان. مۇشۇ پەيت دەل ئورتاق ئېچىپ، ئورتاق ئىشلەپ، ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان تۇپراقتا مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر خىزمىتى ئۈستىدە ئويلىنىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىققا، بىرلىككە ئىنتىلىشىدىكى، ئۇلۇغ گۈللىنىشكە ئىرادە باغلىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان پەيت.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋاقتىنى تاللاشمۇ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە:

بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. 75 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرى داۋاملىق راۋاجلاندى. 56 مىللەت قانداق قىلىپ كۆپ مەنبەدىن بىر پۈتۈن گەۋدىنى ھاسىل قىلىپ، بىر پۈتۈن گەۋدە ئىچىدە بارچە گۈللەرنى تەكشى ئېچىلدۇردى؟ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بۇنىڭغا جاۋاب بەردى.

كېيىنكى ئايدا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلىنىدۇ. قانداق قىلغاندا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنىڭ كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ؟ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بۇنىڭغا يول كۆرسەتتى.

چىڭخەي بىلەن نىڭشيا ئوخشاشلا غەربىي قىسىمغا تەۋە. ئىككى ئاي ئىلگىرى، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش يۆنىلىشنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

مەكتەپ، قەدىمىي بۇتخانا، مەھەللە، ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، ئەقىل سوراش، داۋلىنى پىششىق بىلىش، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «56 مىللەت، مەيلى بۇ مىللەت بولسۇن ياكى ئۇ مىللەت بولسۇن، بىز ھەممىمىز ئورتاق بىر چوڭ ئائىلە، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى ياخشى قۇرۇش كېرەك. ئىتتىپاقلىشىش، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش كېرەك».

ھەمكارلىشىش

«پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇش»

6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، تۇنجى بېكەت شىنىڭغا كەلگەندە، باش شۇجى گولو شىنىڭ مىللەتلەر ئوتتۇرا مەكتىپىگە كەلدى.

گولو چىڭخەينىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى، كىلىماتى ناچار، مۇھىتى جاپالىق. شاڭخەي مەبلەغ سېلىپ، گولو ئۈچۈن شىنىڭدا بىر ياتاقلىق تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى ياردەم قىلىپ سېلىپ بەردى.

1996 - يىلى شەرقىي - غەربىي قىسىم نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى باشلانغاندىن تارتىپ، يېڭى دەۋردە دەرىجىسىنىڭ شەرقىي - غەربىي قىسىم ھەمكارلىقىغا ئۆستۈرۈلۈشىگىچە؛ پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم بېرىشتىن كۆپ قاتلاملىق، كۆپ شەكىللىك، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىشىش ئەندىزىسىگىچە، مەبلەغ ئېقىمى، بايلىق ئېقىمى، تېخنىكا ئېقىمى، ئىختىساسلىقلار ئېقىمى غەربىي قىسىمغا قاراپ ئۆركەشلەپ ئاقتى. چىڭخەينى ئېلىپ ئېيتساق، «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭ قاتارلىق ئالتە ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، چىڭخۇا داشۆ قاتارلىق 23 ئالىي مەكتەپنى چىڭخەيگە نىشانلىق ياردەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە چىڭخەيگە مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىنى، ھەرقايسى جايلارنى، ئىختىساسلىقلار مەبلىغى تۈرىنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى».

باش شۇجى شى جىنپىڭ بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرگۈچى، تۈرتكە بولغۇچى. يېقىندا، باش شۇجى يەنە سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ نەنچۇڭ شەھىرى جىجياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇردى، بۇ دەل، ئۇ جېجياڭدا خىزمەت قىلغان چاغدا كۆڭۈل بۆلۈپ تۈرتكە بولغان نىشانلىق يار - يۆلەك بولىدىغان مەكتەپ ئىدى.

گولو شىنىڭ مىللەتلەر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى چاڭ تۇ شاڭخەيدىن كەلگەن. ئاشخانا، ياتاق، سىنىپ، ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلمىسى، دەرسلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى، تەنتەربىيە چېنىقىشى، ئۇ، بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى باش شۇجىغا تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

ئاشخانىغا كىرىش بىلەنلا، تاماقلارنىڭ مەززىلىك ھىدى دىماققا ئۇرۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ قورۇما تىزىملىكى يېزىلغان تاختىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قورۇمىلارنىڭ باھاسىنى تەپسىلىي كۆردى.

«گۆشلۈك قورۇما ئالتە يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، گۆشسىز قورۇما ئۈچ يۈەن ئىچىدە. ئون يۈەن بىلەن ياخشى غىزالانغىلى بولىدۇ، ھەر ئايدا يەنە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بار».

تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى مۇنداق تاپىلىدى: «ھازىر دەل بالىلارنىڭ بويى ئۆسىدىغان ۋاقىت. يېمەك - ئىچمەك تازىلىقىغا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك. ئالدى بىلەن خام ماتېرىيال سېتىۋالغاندا چوقۇم لاياقەتلىك بولۇشى، مەسىلە چىقماسلىقى، بىخەتەر بولۇشى كېرەك. ئاندىن ساقلاش جەريانى، تاماق ئېتىش جەريانىنىڭ ھەممىسىدە تازىلىققا دىققەت قىلىش كېرەك. مۇشۇ ئاساستا تاماقنى تەملىك ئېتىپ، بالىلارنى قۇۋۋەتلىك، ساغلام غىزالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك».

ياتاقلارنىڭ دېرىزىلىرى يورۇق ھەم پاكىز بولۇپ، ياتاق ئىچىدە يەنە تازىلىق ئۆيى بار ئىدى. ياندىكى يۈز يۇيۇش ئۆيىدە كىرئالغۇ، چاچ قۇرۇتقۇچمۇ تەل ئىدى. باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا: «قىشتا ئىسسىق سۇ بارمۇ؟» دەپ سورىدى.

«پۈتۈن كۈن ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەپ، بالىلارنىڭ يۇيۇنۇپ تارىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز».

ئوقۇتۇش بىناسى ئىچىدە كىتاب ئوقۇغان ياڭراق ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كارىدورغا ھۆسنخەت ئەسەرلىرى ئېسىلغان بولۇپ، بەزىلىرى قېنىق، كۆركەم، چىرايلىق يېزىلغان، بەزىلىرىدىن سەل بالىلارچە پۇراق چىقىپ تۇراتتى. باش شۇجى قەدىمىنى ئاستىلىتىپ تەپسىلىي كۆردى.

تولۇق ئوتتۇرا 1 - يىللىق 1 - سىنىپتىكى بالىلارغا ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئۆتۈلۈۋاتقان بولۇپ، باش تېمىسى «يېڭى دەۋر، يېڭى يۇرت» ئىدى. ئەخلاق - پەزىلەت بۇلاق سۈيىدەك ئۈزۈلمەي ئېقىپ تۇرىدۇ، بۈيۈك ئەخلاق - پەزىلەت چوڭقۇر ھەم كەڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشىنى بىرىنچى تۈگمىنى ئېتىشتىن باشلاش كېرەك.

«مېنىڭ يۇرتۇم گولو ئوبلاستىنىڭ بەنما ناھىيەسىدە.» ئورنىدىن تۇرۇپ گەپ قىلغان قىزنىڭ ئىسمى نىدۇڭ لاماۋ ئىدى. ئۇ بۇلۇتلار ئاستىدا خۇددى لېرىك شېئىر، نەپىس سۈرەتتەك كۆرۈنىدىغان بىر پارچە رەسىم ئەسىرىنى كۆتۈرۈۋالغانىدى، «ئىلگىرى مال باققىلى چىققاندا كالا پادىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرەتتۇق، كالىلار يىتىپ كەتسە پۈتۈن تاغنى كېزىپ ئىزدەيتتۇق. ئىلگىرى ئات مىنىپ مال باقاتتۇق، كېيىنچە موتوسىكلىت مىنىپ مال باقىدىغان بولدۇق، ئەمدى ھازىر بەزىلەر تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئىشلىتىپ مال باقىدىغان بولدى، يۇرتۇم تېخىمۇ زامانىۋىلاشتى».

«ئۆيىڭىزدە بۇ ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى بارمۇ؟» باش شۇجى شى جىنپىڭ رەسىم ئەسىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سورىدى. «بار! كىرئالغۇ، تېلېۋىزور، ھەممە نەرسە تولۇق».

«ئۆيۈڭلەردە قانچە تۇياق قوتاز بار؟» «50 - 60 تۇياق. چارۋىچىلىق رايونىدىكى ئائىلىلەردە بۇ ئوتتۇراھال كۆلەم ھېسابلىنىدۇ».

«سىلەر ئات مىنەلەمسىلەر؟» بۇ سوئالنى ئاڭلاپ، ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈپ تۇرۇپ: «مىنەلەيمىز!» دەپ جاۋاب بەردى.

باش شۇجى سەمىمىي ھالدا مۇنداق دېدى: «چارۋىچىلىق رايونىدىن بۇ يەرگە كەلگەچكە تۇرمۇش ئادىتىڭلاردا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، لېكىن سىلەرنىڭ كىشىلىك ھاياتىڭلاردا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بولىدۇ».

ئېگىز بويلۇق ئوغۇل بالا ياڭ دىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شى بوۋا ياخشىمۇسىز، مېنىڭ يۇرتۇم گولو ئوبلاستىنىڭ جيۇجى ناھىيەسىدە. ئىلگىرى قاتناش - تىرانسپورت شارائىتى ناچار، سوغۇق ساقلاش تېخنىكىسى ناچار بولغاچقا، كالا - قوي گۆشىنى ساقلاش تەس ئىدى. ھازىر، تۇرمۇشىمىزدا زور ئۆزگىرىش بولدى...»

بىپايان جۇڭگودىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ھەربىر تاغ باغرى، ھەربىر دەريا، ھەربىر ئائىلىدە يۈزبەرمەكتە.

تارىخقا نەزەر سالغاندا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغىلى بولىدۇ. «ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرستە يېقىنقى زامان تارىخى سۆزلىنەمدۇ؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بەس - بەستە جاۋاب بەردى: «سۆزلىنىدۇ! ئەپيۈن ئۇرۇشى، شىنخەي ئىنقىلابى، نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمە...»

باش شۇجى شى جىنپىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ قۇۋۋەتلەپ مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىدىكى بىر مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كىچىكىدىن باشلاپ بالىلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك».

سىنىپتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، باش شۇجى 1 - رەتتە ئولتۇرغان كۆزەينەك تاقىۋالغان ئوقۇغۇچىغا دىققەت قىلدى.

«كۆزەينىكىڭىز قانچە گىرادۇس؟»

«بىرى 350 گىرادۇس، بىرى 300 گىرادۇس».

«سىنىپىڭلاردا كۆزەينەك تاقايدىغانلار كۆپرەك ئىكەن. بالىلار كۆزنى ياخشى ئاسراشقا دىققەت قىلىپ، تەنتەربىيە چېنىقىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك».

مەيدان ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار باش شۇجىنى چۆرىدەپ تۇرغان بولۇپ، كەيپىيات خۇددى ئېگىزلىكتىكى چىڭقى چۈشتىكى قۇياش نۇرىدەك قىزغىن ئىدى.

«پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشى، بولۇپمۇ دېڭىز بويىدىكى رايونلار غەربىي قىسىمدىكى رايونلارغا ياردەم بېرىشى، تەرەققىي تاپقان رايونلار ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا ياردەم بېرىشى، ھەممىسى ئۆزىنىڭ رولىنى دەل جايىدا تېپىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، ناھايىتى مۇھىمى مائارىپقا نىشانلىق يار - يۆلەك بولۇش بولۇپ، بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەش كېرەك، بۇ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە».

بۇ پەيتتە بەزى بالىلار ئاڭلاۋېتىپ كۆزىگە ياش ئالدى. باش شۇجى سەمىمىي ھالدا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ مۇنداق دېدى:

«بۇنداق ياخشى شارائىتنى قەدىرلەش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرى ۋە قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە باغلاپ، تىرىشىپ ئۆز ھاياتىنى جۇلالاندۇرۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك».

6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن نىڭشياغا يېتىپ باردى. شۇ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مىننىڭ بازىرىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى.

فۇجيەندە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ باشلامچى بولۇپ فۇجيەن - نىڭشيا ھەمكارلىشىپ نىشانلىق يار - يۆلەك بولۇشقا مەسئۇل بولغان. «قۇرغاق ساھىل»دىن «ئالتۇن ساھىل»غىچە، «كۆچۈرۈلىدىغان ئائىلىلەرنى مەھەللە بويىچە كۆچۈرۈپ» مىننىڭ كەنتى قۇرۇشتىن تەرەققىي قىلىپ، گۈللىنىپ مىننىڭ بازىرىغا ئايلىنىشقىچە، 20 نەچچە يىل ئۆتتى، باش شۇجى شۇ جايدىكى يۇرتداشلارنى ئىزچىل ياد ئېتىپ كەلدى.

«مېنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن شۇنچە زور ئىرادە باغلىشىمغا ھەقىقىي تەسىر قىلغىنى ئۆز كەچۈرمىشىمدىن باشقا، شىخەيگۇنى كۆرۈش بولدى».

«ئاڭلىشىمچە، ھازىر ناھايىتى ياخشى گۈللىنىپتۇ، خاس كەسىپلەرمۇ بارلىققا كەپتۇ. ئىلگىرى شۇنچە جاپالىق بىر جاينىڭ ئېسىل ئۈزۈم ھارىقى چىقىدىغان جايغا ئايلانغانلىقى كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ ۋە خۇشال قىلىدۇ!»

قەدىمىي بۇتخانا

«ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇش»

چىڭخەي شىزاڭ ۋە شىنجاڭ بىلەن تۇتاش، گەنسۇ بىلەن قوشنا بولۇپ، سىچۇەنگە تۇتىشىدۇ. قەدىمدىن بۇيان كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان، مىللەتلەر ئالاقىلىشىپ ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان مۇھىم يول.

شىنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل دابەنشەن تېغى بىلەن لاجىشەن تېغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. تاڭبو قەدىمىي يولىدىكى كولدۇرما ئاۋازىنى ئاڭلىغان، تارىخىي بوران - چاپقۇنلارغا گۇۋاھ بولغان خۇڭجۆ بۇتخانىسى دەل قەدىمىي شەھەر شىنىڭنىڭ چېڭجۇڭ رايونىغا جايلاشقان.

بۇتخانا ئالدى ھويلىسىدا، خۇڭجۆ بۇتخانىسى دېموكراتىك باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى گائېرۋا ئاۋاڭساڭبو خادا تەقدىم قىلدى، راھىبلار ئىسرىقدان كۆتۈرۈپ، ئەتىۋارلىق كۈنلۈك تۇتۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى.

خۇڭجۆ بۇتخانىسىدىن ئىبارەت بۇ مىڭ يىللىق قەدىمىي بۇتخانا تارىختىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتلەر بىلەن شىزاڭ بۇددا دىنىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىش جەھەتتە مۇھىم كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغان، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلىرى مىللەتلەر خىزمىتى ۋە دىن خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن، تۈرتكە بولغان شانلىق تارىخقا گۇۋاھ بولغان.

ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈش، تەسىر كۆرسىتىپ ئادەم تەربىيەلەش.

باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇڭجۆ بۇتخانىسىدا دائىملىق تەسىس قىلىنغان چىڭخەي ئۆلكىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيە بازىسى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

«پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلاردىن ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى، مىللەتلەر خىزمىتى، دىن خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك».

دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى، بىر قەدىمىي بۇتخانا تارىختىكى تەدرىجىي ئۆزگىرىش ۋە ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بۇ قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت مىراسىنى ياخشى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك».

چوڭ زالدىن چىققاندا، راھىبلار خادا كۆتۈرۈپ، باش شۇجىنى ئۇزىتىپ قويدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. چىڭخەيدىكى شىزاڭ بۇددا دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىنلارنىڭ رايىشلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مىللەتلەرنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلات يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گولونىڭ ئىچكىرىسىدىكى دارى ناھىيەسىگە جايلاشقان جالاڭ بۇتخانىسىنى تىلغا ئالدى.

جالاڭ بۇتخانىسى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق جەۋلان قىلغاندىن كېيىن گولو يايلىقىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولغان، شۇنداقلا دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ پارتىيەنى ھىمايە قىلىش ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن. 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، جالاڭ بۇتخانىسى باشتىن - ئاخىر شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈشنى بۇتخانا باشقۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلدى.

«بۇنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە يەنىلا ئىلھام بېرىش ئەھمىيىتى بار.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ساھەسىدىكىلەرگە بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك».

يۇرت

«جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى جەزمەن ئاساسىي قاتلامغا قويۇش كېرەك»

مەھەللە شەھەر ئىدارە قىلىشتىكى ئەڭ كىچىك بىرلىك، يۇقىرىدا مىڭ تال يىپ، تۆۋەندە بىر تال يىڭنە بار.

6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يىنچۇەن شەھىرى جىنفېڭ رايونىنىڭ چاڭچېڭ گۈللۈكى مەھەللىسىگە كەلدى.

70 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى مىللەتلەر ئالاقىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولدى، دۆلىتىمىزدە كەڭ كۆلەمدە تارقاق ئولتۇراقلىشىش، كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، گىرەلىشىپ ئارىلاش ئولتۇراقلىشىشتىن ئىبارەت مىللەتلەر نوپۇس تارقىلىش ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدا، قانداق قىلغاندا تەرتىپلىك يۈرۈشۈپ، ئىناق ئۆتكىلى بولىدۇ؟ پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى قانداقراق؟

مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە 1 - قەۋەتتىكى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت زالى، مەھەللە سەھىيە پونكىتى، مېھىر - شەپقەت تاللا بازىرى، 2 - قەۋەتتىكى «ماھارەت زالى»، ئۇسسۇل ئۆيىنى باش شۇجى بىر - بىرلەپ كۆردى.

خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت زالىدا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. بەزىلىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى قىلسا، بەزىلىرى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئىشلىرى توغرىسىدا ئالاقىلىشىۋاتاتتى، بەزىلىرى پېشقەدەم ئەسكەرلەر قىزىق لىنىيەسىدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلسا، بەزىلىرى ئەمدىلا ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەنىدى.

يۇرتىڭىز قەيەردە، نېمە كەسىپ ئۆگەنگەن، مەھەللىدە ئىشلەۋاتقىلى قانچىلىك بولدى، كىرىمىڭىز قانداقراق، نېمە ئىش قىلىسىز، كېيىنكى قەدەمدە قانداق پىلانىڭىز بار... باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھايىتى تەپسىلىي سورىدى.

«ھازىرقى مەھەللە خىزمىتىنى ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا قانداقراق؟»

«مەركەز يۈكنى يېنىكلىتىش توغرىسىدا ھۆججەت تارقاتقاندىن كېيىن، مەھەللىدە تولدۇرۇلىدىغان جەدۋەللەر ئازايدى، دىققەت خىزمەتكە تېخىمۇ مەركەزلەشتى».

«جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى جەزمەن ئاساسىي قاتلامغا قويۇش كېرەك، شەھەرلەردە مەھەللە پۇقرالار ئۈچۈن ئەڭ بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدۇ.» باش شۇجى سەمىمىي ھالدا مۇنداق دېدى: «بىر مەھەللە بىر چوڭ ئائىلىگە ئوخشايدۇ. مەھەللە قوشۇنىنىڭ بىرقەدەر مۇقىم، خىزمەت قىزغىنلىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، مەن خېلىلا خاتىرجەم بولدۇم. مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان نېرۋا ئاخىرقى ئۇچى. مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتىنى ياخشى، كۈچلۈك قۇرغاندىلا، مەھەللە خىزمىتى تايانچقا ئىگە بولىدۇ».

«ماھارەت زالى»دىكىلەر قەغەز قىيما قىيىۋاتاتتى، كەشتە، پېتەك تىكىۋاتاتتى، ئۇسسۇل ئۆيىدە رىتىملىق، شوخ مىللەتلەر ناخشا - ئۇسسۇلى ئوينىلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى مەھەللىدىكى ياشانغانلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى.

«مەھەللە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاھالىلەرگە، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، جايىدا ئىشلىشى، تىرىشىپ بارغانسېرى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. پېنسىيەگە چىققان ئاھالىلەرنى ھەم ياشانغاندا ئوبدان كۈتۈنۈش، ياشانغاندا خۇشال ئۆتۈش، ھەم ياشانغاندا رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك».

مەھەللىگە كىرگەندە، قۇياش نۇرى، يېشىل يول، بىنالارنىڭ ھەممىسى ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. خەنزۇ، خۇيزۇ، مانجۇ، موڭغۇل، زاڭزۇ قاتارلىق ھەر مىللەت ئامما بۇ يەردە ئىناق ئۆتىدۇ.

ئاھالە جاۋ شوۋچېڭ باش شۇجىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى.

«بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇيزۇ مىللىتىنىڭ يېمەكلىكلىرىمۇ؟» باش شۇجى شى جىنپىڭ مېھمانخانىدىكى ئۈستەلنى كۆرسىتىپ سورىدى.

«بۇ ساڭزا، بۇ قۇيماق...»

ئۆي ئىچىدىكى كەيپىيات ناھايىتى ئازادە ئىدى.

ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن كىرىمگىچە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن مائارىپقىچە، باش شۇجى بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ مۇڭداشتى.

جاۋ شوۋچېڭنىڭ نەۋرىسى 5 - يىللىقتا ئوقۇيتتى، بىر توپ تەقدىرنامە ئىچىدە يىللىقلار بويىچە يۈگۈرۈشتە بىرىنچى بولغان تەقدىرنامە ئەڭ كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. باش شۇجى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بالىلار ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىشى كېرەك».

مەھەللىدىكى ئاھالىلەر باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ھەممىسى مەھەللىدىكى مەيدانغا يىغىلدى.

باش شۇجى ئاھالىلەر، ئاممىنىڭ ئارىسىغا كېلىپ، كۆپچىلىكتىن سەمىمىي ھال سورىدى، نەق مەيداندىكى كەيپىيات ئادەتتىن تاشقىرى قىزغىن بولدى.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىنتايىن مۇھىم، بىز 56 مىللەت ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك. 56 مىللەتنىڭ بىردەك ئۇيۇشقانلىقى دەل جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى، جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە. بىز ئورتاق كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرايلى!»

بۇ يىللاردا، تاغلار ئېگىز، يوللار يىراق بولسىمۇ، قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىقتىمۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتلەر رايونىغا قايتا - قايتا چوڭقۇر چۆكتى.

مىسلىسىز مۈشكۈل بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، باش شۇجى مىللەتلەر رايونى، مىللەتلەر ئاممىسىنى چىڭ كۆزلىدى. 2016 - يىلى نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئۇ «ئۆز جايىدىن ماتېرىيال ئېلىپ» ئوخشىتىپ مۇنداق دېدى: «خۇددى ليۇپەنشەن تېغى ئەينى يىلى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە ھالقىيدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېگىز تاغ بولغىنىدەك، نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىز ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا جەزمەن ھالقىيدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېگىز تاغ».

يول ئۇزۇن، مانا مەغرۇر ئاتلىدۇق بىز بېشىدىن ھالقىپ ئۇنىڭ. چىڭخەي، نىڭشيادىن ئىبارەت بۇ رايونلارنىڭ يۈكى يەنىلا يېنىك ئەمەس.

چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتى يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «چىڭخەيدىكى 45 ناھىيە، شەھەر، رايون ئىچىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەدىن 42سى بار. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپىنى باشتىن - ئاخىر قولدا چىڭ تۇتۇش كېرەك، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش كۆرۈلسە قەتئىي بولمايدۇ. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسىگە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك».

«كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەم ۋاقىتتا، ئۇلارنى ھەققانىي ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ.» مىللەتلەر خىزمىتىنى ئىشلەشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقچىل بولۇش ھېسسىياتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: «خەلق رايىغا ياقىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان بەزى ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان بەزى مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىش كېرەك».

بۇلتۇر 12 - ئايدا جىشىشەندە يەر تەۋرىدى، ئاپەتتىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش سۈرئىتىنى باش شۇجى ئىزچىل كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. بۇ قېتىم كەلگەندە، ئۇ جىشىشەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تاپىلىدى.

تەرەققىيات

«جەزمەن قىلىدىغاننى قىلىش، قىلمايدىغاننى قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك»

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلى بولۇپ، بايلىق توپلاشقان مىللەتلەر رايونىغا خىرىس ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا چەكسىز پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، ھەر قېتىم ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يەرلىك سەھىپىسىنى قانداق پۈتۈشنى پىلانلىدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى ئىگىلىنىپ، ئۆز جايىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ ھەم ئارتۇقچىلىقلار نامايان قىلىندى، ھەم بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەندى.

بۇ قېتىم چىڭخەيگە قارىتا، باش شۇجى دوكلات يىغىنىدا تۆت نۇقتىلىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، كەسىپ، ئېكولوگىيە، خەلق تۇرمۇشى، مىللەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھالقىمۇھالقا باغلانغان، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاش جۇڭگو تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۇچ كەلگەن بىر چوڭ تېما. چىڭخەيگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى، لەنساڭجياڭ دەرياسى بۇ يەردىن شەرققە قاراپ ھەيۋەتلىك ئېقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى بېقىپ كەلدى. ئۈچ دەريا مەنبەسىنىڭ ئېكولوگىيەسى مىللەتنىڭ تىنچ - ئامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك.

شۇ جاينىڭ «چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېگىزلىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش»قا كۈچىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۇ، سىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپەڭلار. ئەڭ مۇھىمى، ئۈچ دەريا مەنبەسىدىن ئىبارەت بۇ <جۇڭخۇا سۇ مۇنارى>نى ياخشى قوغداش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك».

چىڭخەي زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، پاكىز ئېنېرگىيە، تۇزكۆل خىمىيە سانائىتى، ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئورگانىك دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق، رەقەملىك ئىقتىساد، بىيوتېببىي دورا قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەڭ ئىلگىرى سۈرمەكتە. قەدىمىي ئېگىزلىك شامال ئېلېكتىرى، يورۇقلۇق ۋولت كۈچىدىن پايدىلىنىپ، يېشىل توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش دائىرىسىنى 15 ئۆلكىگە كېڭەيتتى.

دوكلات يىغىنىدا، باش شۇجى چىڭخەينىڭ كەسىپ جەھەتتىكى «تۆت جاي» قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى: «دۇنيا دەرىجىلىك تۇزكۆل كەسىپلەر بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەت پاكىز ئېنېرگىيە كەسىپ ئېگىزلىكى، خەلقئارا ئېكولوگىيە ساياھىتى مەنزىلگاھى، يېشىل، ئورگانىك دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى چىقىرىدىغان جاي بەرپا قىلىش كېرەك».

2016 - يىلى چىڭخەيگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئۇ تۇزكۆلگە مەخسۇس بېرىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ قېتىم شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداش يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى دوكلات قىلدى: زاپاس مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدىغان تۇزكۆل كالىي، ماگنىي، لىتىي بايلىقىغا تايىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تىرەك بولدى، مەملىكەت بويىچە كالىيلىق ئوغۇتنىڭ %77ىنى چىڭخەي تەمىنلەيدۇ.

باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «پۈتۈن مەملىكەت تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، چىڭخەينىڭ ئۆزگىچە بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك.» «ھەممىنى قىلىۋېرىشكە بولمايدۇ، تاللاپ تۇرۇپ قىلىدىغاننى قىلىش كېرەك. جەزمەن قىلىدىغاننى قىلىش، قىلمايدىغاننى قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك».

تەرەققىيات مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى.

ئالدىنقى قېتىم نىڭشياغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغىنىغا دەل تۆت يىل بولدى. ھەر يىلى يېڭى نەتىجە قەغىزى بار بولدى.

ئاپتونوم رايوندىكى مەسئۇل يولداش بۇلتۇر كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى «%12.4 ئاشتى»، دەپ تونۇشتۇردى. باش شۇجى مۇنداق سورىدى: «ئاساسلىق ئېشىش نۇقتىسى نېمە؟»

«يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە چوڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. كۆمۈردىن ماي ئېلىش مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇرىدۇ، كۆمۈردىن ئولېفىن ئېلىش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مەملىكەت بويىچە بەشتىن بىر قىسىمنى ئىگىلەيدۇ؛ يېڭى ماتېرىيالدا ئۇدا ئۈچ يىل %30تىن يۇقىرى ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يەنە دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسىم ھېسابلاش كۈچى ۋە ئالاقە تورى ئالماشتۇرۇش <قوش مەركىزى>نى قۇرۇپ چىقتۇق».

نىڭشيانىڭ ئۈزۈم ھارىقى «40 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا بازار تاپتى». باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق سورىدى: «ئېكسپورت كۆپمۇ ياكى دۆلەت ئىچىدە سېتىلىشى كۆپمۇ؟»

«دۆلەت ئىچىدە سېتىلىشى كۆپ، دۆلەت ئىچى بازىرى ئاساس، خەلقئارا بازارنىمۇ پائال كېڭەيتىۋاتىمىز».

باش شۇجى ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «قانداق قىلغاندا رىقابەت داۋامىدا سىجىل تەرەققىي قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش كېرەك. ماركا يارىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. چوقۇم يېنىكلىك پىسخىكىسىدا بولماي، ئەستايىدىللىق بىلەن توپلاش كېرەك، ھاراق ياخشى بولسا خېرىدارغا يول يىراق بىلىنمەيدۇ».

خۇاڭخې دەرياسىنىڭ «几 خەتلىك ئەگمە»سىگە جايلاشقان بولغاچقا، ئالتۇن رەڭلىك سۇلىرى ئەگرى - بۈگرى ئاقىدىغان خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۇغىرىشىدا نىڭشيادىكى مىڭ چاقىرىملىق مۇنبەت تۇپراق بارلىققا كەلگەن، بىراق بۇ يەر شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇ كەمچىل بولۇش قىيىن مەسىلىسىگىمۇ دۇچ كەلمەكتە.

ئاپتونوم رايوندىكىلەر «ئوخشاشلا خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان سىچۇەن ئابا بىلەن ئىمزالىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھالقىغان سۇ ھوقۇقى سودىسى»نى تىلغا ئالغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ئىشقا تولىمۇ قىزىقىپ، ئۇلارنى پائال ئىزدىنىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

«خۇاڭخې دەرياسىنىڭ نىڭشيا بۆلىكىدىكى سۇ سۈپىتى ئۇدا 2 - تۈردىكى كىرىش - چىقىشنى ساقلىدى، بۇ ئاسان ئەمەس، يەتتە يىل ساقلاپ كەلدى!» نىڭشيانىڭ ئېكولوگىيەسى يەنىلا بىرقەدەر ئاجىز، تەرەققىيات داۋامىدا ھەم خەلق تۇرمۇشىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆزلەش، ھەم ئېكولوگىيەنى ياخشى قوغداش كېرەك. باش شۇجى قەتئىي تەلەپپۇزدا مۇنداق دېدى: «ئېكولوگىيەنى قوغداش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، خۇددى پات - پات يۇيۇنۇپ، يەرلەرنى سۈپۈرۈپ، جوزىلارنى سۈرتۈپ تۇرغانغا ئوخشايدۇ. ئېكولوگىيەنى قوغداشتا قانداقمۇ بىر ئەجىر بىلەن مەڭگۈ راھەت كۆرگىلى بولسۇن!»

ئىتتىپاقلىق ئادەمگە تايىنىدۇ، تەرەققىيات ئادەمگە تايىنىدۇ. ھەربىر جايغا بارغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەمىشە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ خىزمەت ھالىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى، شۇنداقلا نىشانلىق ئىش كۆرۈپ رىغبەتلەندۈردى ۋە ئەسكەرتتى.

پۈتۈن پارتىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ قېتىمقى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى ئاخىرلىشىشقا پەقەت بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى. «ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۆگىنىپ، ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك.» «خاتىرجەم ئىشلەش، دادىل ئىشلەش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ئارقىلىق توغرا كەيپىياتقا تولغان جەمئىيەت ئېكولوگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ھەرقانداق ۋاقىتتا قولچىراغ يورۇتالمايدىغان يەر بار. يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، بۇنى يەنە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇتۇش كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ