دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كونسۇل مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو-چەت ئەل خادىملىرىنىڭ بېرىش-كېلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيە، پولشادىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتتىكى ئادەتتىكى پاسپورتى بار خادىملارغا قارىتا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشنى قارار قىلغان. 2024 ـ يىل 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن 2025 ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، يۇقىرىقى دۆلەتلەر ئادەتتىكى پاسپورت بىلەن جۇڭگوغا كېلىپ سودا قىلسا، ساياھەت ـ ئېكسكۇرسىيە قىلسا، ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىنى يوقلىسا ۋە چېگرادىن ئۆتۈپ تۇرغان ۋاقتى 15 كۈندىن ئېشىپ كەتمىسە، ۋىزىسىز چېگرادىن كىرسە بولىدۇ. يۇقىرىقى دۆلەتلەردىكى ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خادىملار يەنىلا چېگرادىن كىرىشتىن بۇرۇن جۇڭگوغا كېلىش ۋىزىسىنى بېجىرىشى كېرەك.