باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىل>> رىئودې ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى

جۇڭگو سۇ ئۈزۈش جەمئىيىتى ئاۋسترالىيە سۇ ئۈزۈش جەمئىيىتىگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، خوۋتوننىڭ سۈن ياڭدىن كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلدى

2016.08.09 10:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيانقى ئاۋسترالىيە سۇ ئۈزۈش تەنھەرىكەتچىسى خوۋتوننىڭ سۈن ياڭنى ھاقارەتلىشىگە قارىتا، جۇڭگو سۇ ئۈزۈش جەمئىيىتى ئاۋسترالىيە سۇ ئۈزۈش جەمئىيىتىگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، خوۋتوننىڭ سۈن ياڭدىن كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلدى.

  خوۋتون بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاۋسترالىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنداق دېگەن: سۈن ياڭ مەشىق جەريانىدا ئۇنىڭغا سالام بەرگەن، ئەمما ئۇ پىسەنتىگە ئېلىپ قويمىغان، چۈنكى ئۇنىڭ روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلەتكەن ئالدامچى بىلەن سالاملاشقۇسى يوق ئىكەن. خوۋتون 6- ئاۋغۇست كەچتە 0.13 سېكۇنت ئازغىنە پەرق بىلەن 400 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم سۈيدۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولغان ئادەم بىلەن بىر مەيداندا مۇسابىقىلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  خوۋتوننىڭ تەكەببۇرلىقى ۋە ئەدەبسىزلىكىگە نىسبەتەن، سۈن ياڭ كۆڭلۈڭگە ئالماي، كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «ھەر بىر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقىلى كېلەلىگەن ماھىر ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك.»

  بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو سۇ ئۈزۈش جەمئىيىتى رىئو شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئاۋسترالىيە سۇ ئۈزۈش جەمئىيىتىگە پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىپ رەسمىي ئېتىراز بىلدۈردى، ئۇ ماقالىدە مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: «بىز ئىككى كۈندىن بۇيان ئاۋسترالىيە سۇ ئۈزۈش تەنھەرىكەتچىسى خورتوننىڭ يامان غەرەز بىلەن ھاقارەتلەيدىغان ناچار سۆزى ۋە ھەرىكىتىگە دىققەت قىلدۇق، بىز ئۇنىڭ نامۇۋاپىق سۆزلىرى جۇڭگو - ئاۋسترالىيە سۇ ئۈزۈش ھەركىتى ھېسسىياتىغا ئىنتايىن زور زىيان يەتكۈزدى دەپ قارايمىز، بۇ ئاۋسترالىيە تەنھەرىكەتچىسىنىڭ ئوبرازىغا زىيانلىق، بىر خىل ساپاسىزلىق ۋە تەربىيە كۆرمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. بىز بۇ تەنھەرىكەتچىنىڭ كەچۈرۈم سورىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىمىز!»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر