سۈرەتتە: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى كىۋانت ئۇچۇرى ۋە كىۋانت پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى نۇقتىسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدىكى كىۋانت تەقلىدىي تەجرىبىخانىسىدا، خىزمەتچى خادىملار سوغۇق ئاتوم نۇر كىرىستال رېشاتكا سۇپىسىنىڭ لازېر نۇرلۇق مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تەڭشىمەكتە. (25-ماي تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى كىۋانت ئىلمىي تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھىنى 2016-يىلى 7-ئايدا قويۇپ بېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۇنجى دۇنياۋى كىۋانت سۈنئىي ھەمراھى ھېسابلىنىدۇ، بۇ سۈنئىي ھەمراھ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، يەر شارىلىشىشتىكى كىۋانت مەخپىي ئالاقىلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى