باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

20 قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن 49 ياشلىق «بۇدۇشقاق»نىڭ نومۇرى تۇنجى قېتىم ئىككىنچى تۈركۈمگە ئۇلاشتى

2016.06.24 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: لياڭ شى ميەنياڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-ئىيۇن كەچتە، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، تورداشلار «ئەڭ نوچى ئىمتىھان بەرگۈچى»، «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى بۇدۇشقاق» دەپ ئاتىغان لياڭ شى 453 نومۇر ئالدى، بۇ ئۇنىڭ 20 قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەندىن كېيىن، نومۇرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىككىنچى تۈركۈمگە يېتىشى بولۇپ قالدى. لياڭ شى بۇ نەتىجىنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەم خوشال قىلارلىق، ھەم ئەپسۇسلۇق ئىش ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئۇنىڭ نىشانى بىرىنچى تۈركۈم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ، بۇ قېتىملىق ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ۋاز كەچمەكچى بولغانلىقىنى، بىرىنچى تۈركۈم نىشانى ئۈچۈن تىرىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان-داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقىغا قاراپ باقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  نەنشەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى تونۇشتۇرۇپ، لياڭ شى نەتىجىسى ئىككىنچى تۈركۈمگە يەتكەندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلانغانلىقىنى، شۇ كۈنى كەچتە مەكتەپتىكى بىر قانچە ئوقۇتقۇچى بىلەن بىللە تەبرىكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ئوقۇتقۇچى: «لياڭ شى مەكتىپىمىزدە بىر ئايدىن كۆپرەك تەكرار قىلدى، ئۇ ناھايىتى ئەستايىدىل، كاللا ئىشلىتىشكە، سوئال سوراشقا ئامراق، 453 نومۇر ئېلىشقا ئۇ نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلدى»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر