خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن ھېيت ئىمىن 3-ئەۋلاد چالغۇ ياسىغۇچى بولۇپ، 2008-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق غەيرى ماددىي مەدەنىيەت تۈرى ئۇيغۇر چالغۇلىرىنى ياسايدىغان ۋەكىللىك ۋارىسى. جاي كەنتىدە 250 ئائىلە بولۇپ، بۇلاردىن 105 ئائىلە چالغۇ ياسايدۇ. بۇلاردىن ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق ولغىنى ئالتىنچى، يەتتىنچى ئەۋلاد چالغۇ ياسىغۇچىلار.
بۈگۈنكى كۈندە، «چالغۇ شاھى» ھېيت ئىمىننىڭ 50تىن ئارتۇق شاگىرتى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەر جايلىرىغا تارقالغان، سالامەتلىكى تۈپەيلىدىن ئۇ ئىككىنچى سەپكە چېكىنگەن بولۇپ، ئادەم تەكلىپ قىلىپ چالغۇ ياسايدىكەن، ئۇ باشقۇرۇغ ۋە تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئول ئىكەن.