خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ماي، ھايتى پورت ئوپرىنىستا، بىر ئايال «لايدىن ياسالغان پېچىنە»نى ئاپتاپقا يېيىپ قۇرۇتۇۋاتىدۇ. ھايتىدا، توپا، تۇز ۋە سېرىقماينى ئارىلاشتۇرۇپ «لاي پېچىنە» ياسايدىغان ئادەت بولۇپ، بۇ نامرات كىشىلەرنىڭ قورساق بېقىشتىكى ئامالى. گەرچە لايدا كالتسىي بار بولسىمۇ، بىراق مۇتەخەسسىلەرنىڭ دېيىشىچە، لاي توپىدىكى پارازىت قۇرت، سانائەتتىكى توكسىن ۋە ناچار لاي پېچىنە ياساش مۇھىتى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت ئىلىپ كىلىشى مۇمكىن ئىكەن.