مۇھىم خەۋەرلەر

【سىن】 تۇنجى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھېس قىلىش سارىيىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سېھرى كۈچىگە غەرق بولۇش

2023.04.28 21:06 مەنبە: خەلق تورى

  

  مۇڭغۇل-زاڭزۇ مەكتىپىنىڭ كونا ئورنىغا قۇرۇلغان مەملىكەت بويىچە تۇنجى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى ھىس قىلىش سارىيى يېقىندا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى.

  موڭغۇل-زاڭزۇ مەكتىپىنىڭ كونا ئورنى بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونى شياۋشىخۇ كوچىسى 33 - نومۇرلۇق قورۇغا جايلاشقان بولۇپ، 600 يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق تارىخقا ئىگە داڭلىق مەدەنىيەت مىراسى بولۇپلا قالماي بەلكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى شەرەپلىك ئىنقىلابىي تارىخى مۇجەسسەملەنگەن مۇھىم قىزىل يادىكارلىق. 2021-يىل 9-ئايدا، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بېيجىڭ شەھىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا كونا جاينى قوغداش، رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، «كونىسىنى بۇرۇنقىدەكلا رېمونت قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە ئۇنىڭ ئەسلىدىكى تارىخىي قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كونا ئورۇنغا يۈكلەنگەن پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى تارىخىغا ئاساسەن «جۇڭخۇا مىللەتلىرى تومۇرداش بولۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرايلى ـــ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى باش تېما كۆرگەزمىسى»، « موڭغۇل-زاڭزۇ مەكتىپىنىڭ كونا ئورنى مەخسۇس كۆرگەزمىسى» ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش تۈرىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى ھېس قىلىش سارىيىنى قۇردى.

  يېقىندا، خەلق تورىنىڭ مۇخبىرى شياۋشىخۇ كوچىسى 33-نومۇرلۇق قورۇغا كىرىپ، كونا سۈرەتلەردىن قىزىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغىچە، گۇيجوۋنىڭ مياۋزۇ كەشتىچىلىكىدىن يۈننەننىڭ باغلاپ بوياش ھۈنەر سەنئىتىگىچە ... كامېرا ئارقىلىق تورداشلارنى يېتەكلەپ تارىخنىڭ مۇل مەزمۇنى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىگە غەرق بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ