سەي چى ۋيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ شىمېي بىلەن سۆھبەتلەشتى

2023.04.27 23:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى خەلق سارىيىدا ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ شىمېي بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  سەي چى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بايا يولداش جاڭ شىمېي بىلەن مەخسۇس كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-ۋيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىدىغان جۇڭگو-ۋيېتنام تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم يېتەكچى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو-ۋيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. جۇڭگو-ۋيېتنام ئىككى تەرەپ دىققەتنى ئىككى پارتىيە باش شۇجىلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-ۋيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئاكتىپ ۋەزىيىتىنى سىجىل ياخشى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

  سەي چى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت كۆپ خىل خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسنى باشتىن كەچۈرمەكتە. باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى. جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەشەببۇسنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە قەتئىي ئۆزئارا قوللاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ئورتاق قوغداپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  جاڭ شىمېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يۈرۈش قىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى بېكىتكەنلىكىگە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنىنى بېكىتكەنلىكىگە يۈكسەك باھا بېرىمەن، بۇ، جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. ۋيېتنام سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشىنى، دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇشىنى قوللايدۇ. ۋيېتنام جۇڭگو بىلەن بىللە پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنىڭ مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش، ساياھەت، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئادىمىيەت، ياشلار، يەرلىكلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ۋيېتنام-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ۋىيېتنام بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش ئۇلۇغ ئىشىنى قوللايدۇ، كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشنى، ئۆز رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ