شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ شىمېي بىلەن كۆرۈشتى

2023.04.27 09:25 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ شىمېي بىلەن كۆرۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ شىمېي بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ جاڭ شىمېيغا باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ، دۆلەت رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭغا بولغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقى. بۇلتۇر باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو - ۋىيېتنام ئىككى تەرەپ مەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ۋە قوشما باياناتنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پائال تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئالاقە، ھەمكارلىقىدا ياخشى ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. مەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بوران - چاپقۇنلۇق خەلقئارا مۇھىت ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، جۇڭگو - ۋىيېتنام ئىككى تەرەپ «16 خەتلىك» فاڭجېن ۋە «ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ» روھىغا ئەمەل قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىشتىن ئىبارەت جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇ قۇدرەتلىك سىياسىي ئەۋزەللىكنى پۇختا ئىگىلەپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، قول تۇتۇشۇپ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە تۈرلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش ۋە خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، زومىگەرلىك ۋە لاگېرلار قارشىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات پايدىسىنى ياخشى قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  جاڭ شىمېي ئالدى بىلەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ، دۆلەت رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭنىڭ باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشكەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. جاڭ شىمېي مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشانلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن. ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىنلا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن يېڭى دەۋردىكى ۋىيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ۋىيېتنام جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر تاشقى سىياسىتىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللاش قىلىپ، بىر جۇڭگو سىياسىتىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە «16 خەتلىك» فاڭجېن ۋە «ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ» روھى بويىچە ئىككى پارتىيەنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم، زور يەرشارىۋى تەشەببۇسنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن رايون ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ