شى جىنپىڭ ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى بىلەن تېلېفونلاشتى

2023.04.27 09:28 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى بىلەن تېلېفونلاشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتى ۋە ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتى 31 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى سەۋىيەسىگە يېتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە كۈچ قوشتى. مەن زۇڭتۇڭ زېلېنسكىنىڭ جۇڭگو - ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئىپادە بىلدۈرگەنلىكىنى ئالقىشلايمەن، ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ بۇلتۇر جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېكىنىشىگە زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش جۇڭگو - ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى. ئىككى تەرەپ كەلگۈسىنى كۆزلەپ، يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇنى پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەت ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئۇكرائىنا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو - ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارزۇسى ئىزچىل، ئېنىق. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇكرائىنا كىرىزىسىدە مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەتكە ئېغىر، زور تەسىر كۆرسەتتى. ئۇكرائىنا كىرىزىسى مەسىلىسىدە، جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر تىنچلىق تەرەپتە تۇرىدۇ، يادرولۇق مەيدانى − ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش. مەن «تۆت كېرەك»، «تۆت ئورتاق» ۋە «ئۈچ نۇقتىلىق ئويلىنىش»نى ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويدۇم. جۇڭگو تەرەپ يەنە مۇشۇ ئاساستا «ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى جۇڭگو مەيدانى» ناملىق ھۆججەتنى ئېلان قىلدى. جۇڭگو ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىكى پەيدا قىلغۇچى ئەمەس، ئالاقىدار تەرەپمۇ ئەمەس. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ھەم چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرىدىغان ئىشنى قىلمايمىز، ھەم ئوت ئۈستىگە ياغ چاچمايمىز، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پايدا ئالىدىغان ئىشنى تېخىمۇ قىلمايمىز. جۇڭگو تەرەپنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئوچۇق - ئاشكارا. سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش يولغا قويۇشقا بولىدىغان بىردىنبىر چىقىش يولى. يادرو ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى يوق. يادرو مەسىلىسىگە قارىتا، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر سوغۇققان بولۇپ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆزى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى كۆزلەپ، كىرىزىسنى ئورتاق ھالدا ياخشى باشقۇرۇشى ۋە تىزگىنلىشى كېرەك. ھازىر ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاقىلانە پىكىر يۈرگۈزۈشى ۋە ئاۋازى كۆپىيىۋاتىدۇ، پۇرسەتنى تۇتۇپ، كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت توپلاش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ياۋروپانىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇرۇشنى تېزدىن توختىتىش، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا - ئاسىيا ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلىنى ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدا ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا تەرەپنى كۆپ تۈركۈمدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى، قۇربىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

  زېلېنسكى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەپ، جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئالقىشلاپ، مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ تۈرلۈك خىرىسلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، ئالغا قاراپ سىجىل تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا ئىشلاردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا سەھنىدە غايەت زور تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرماقتا. ئۇكرائىنا تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇكرائىنا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى بىلەن مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. زېلېنسكى ھازىرقى ئۇكرائىنا كىرىزىسىگە بولغان قارىشىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنانى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو تەرەپنىڭ تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كىرىزىسنى دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ