شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى ھەمكارلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەم تەشۋىقات ھەپتىلىكى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.04.27 09:28 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى ھەمكارلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەم تەشۋىقات ھەپتىلىكى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 50 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر خەلقئارا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۆپ تەرەپلىك سىستېمىسىنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى پۈتۈن زەنجىر بويىچە قوغداشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ۋە تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى. جۇڭگو دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرشارىۋى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەم تەشۋىقات ھەپتىلىكى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، پائالىيەتنى مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى تەشكىلىي كومىتېتى ئۇيۇشتۇردى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچلۈك قوللاش».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ