لى چياڭ دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى دېڭ خۇڭسېن بىلەن كۆرۈشتى

2023.04.28 14:31 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى چياڭ 4-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدىكى بىنەپشە راۋاقتا دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى دېڭ خۇڭسېن بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى ھەمكارلىقىنىڭ 50 يىللىقى. رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا جۇڭگو بىلەن دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى ھەمكارلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە تەشۋىقات ھەپتىلىكى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىگە مەخسۇس تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى چياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈردى، بولۇپمۇ ئالاقىدار قانۇن-تۈزۈملەرنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەخسۇس ئاپپارات ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىش، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان مۇھىم دېلولارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خەلقئارا سىستېمىسىنىڭ ئاكتىپ قۇرغۇچىسى، مۇھىم تۆھپىكارى ۋە قەتئىي قوغدىغۇچىسى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان كاتالىزاتور ھەمدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلەتكۈچى. سۈنىي ئەقلىي ئىقتىدار، نەرسە تورى قاتارلىق يېڭى تېخنىكا ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتى نۇرغۇن يېڭى تېما ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. بىز دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يارىتىش، قوغداش، ئىشلىتىشكە پايدىلىق ياخشى ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھىسىنى پائال تەقدىم قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ بىلىمى، ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمىز. جۇڭگو دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ كۆپ تەرەپلىك سىستېما ۋە دۇنيانىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى بۇرۇنقىدەكلا قوللايدۇ.دېڭ خۇڭسېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن 50 يىلدا، جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى جەھەتتە تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجە ۋە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچىدىكى رەت تەرتىپى 11-ئورۇنغا ئۆتتى. بۇ 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. جۇڭگو تۈزگەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەسىنى ئۈلگە دېيىشكە بولىدۇ. دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكا، رەقەملەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقى ئىنتايىن كەڭ ھەم چوڭقۇر، كەلگۈسىدە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ