خەن جېڭ ئامېرىكا شۇلتز جەمەتى فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى خوۋارد شۇلتز بىلەن كۆرۈشتى

2023.04.27 00:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا ئامېرىكا شۇلتز جەمەتى فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ستارباكس شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى خوۋارد شۇلتز بىلەن كۆرۈشتى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2021-يىل 1-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ جاۋاب خەت يېزىپ شۇلتز ئەپەندى ۋە ستارباكس شىركىتىنى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق ئاكتىپ رول ئويناشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويغان. جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ، شۇلتز ئەپەندى ۋە فوند جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە داۋاملىق پائال قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى قارشى ئالىمىز.

  شۇلتز جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە بىر قاتار تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەپ، شۇلتز فوندى جەمئىيىتى ۋە ستارباكس شىركىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئامېرىكا-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ئەلئارا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ