14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى فۇنكسىيە ئادا قىلىش-ئۆگىنىش مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيەسى ئۆتكۈزدى

جاۋ لېجى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، فۇنكسىيە ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن يۈكلىگەن مەسۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئۈستىگە ئېلىشنى تەكىتلىدى

2023.04.28 14:32 مەنبە: خەلق تورى

  14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 26-چېسلا بېيجىڭ خەلق سارىيىدا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ تۇنجى قېتىملىق فۇنكسىيە ئادا قىلىش-ئۆگىنىش مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيەسى ئۆتكۈزدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى چۈشتىن بۇرۇنقى لېكسىيەگە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆگىنىشنى ئاڭلىق ھالدا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ كەسىپ ئەھلىگە ئايلىنىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى ئۈسىگە ئېلىشى كېرەك.

  جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى، مەسۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىغا يېڭىدىن تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ئۆگىنىش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، جىددىيلىك تۇيغۇسى ۋە ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  جاۋ لېجى يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆگىنىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئۆگىنىشنىڭ دەۋرچانلىقى، ئەمەلىيەتچانلىقى ۋە سىستېمىلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانۇنچىللىق يولىدا ئاڭلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بىلىملەرنى كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىپ، بىلىم ساھەسىنى كېڭەيتىپ، تەپەككۇر قاتلىمى ۋە مەنىۋى مەنزىلىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئۆگىنىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، غايە-ئېتىقاد، ئەسلىي مەقسەت-بۇرچنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىگە بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىش بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگىنىش بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەمەلىيەت ئىجادىيىتىدىن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ چۈشتىن كېيىنكى لېكسىيەگە رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، باش كاتىپ ليۇ چى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى تەركىبىدىكى خادىملار ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى مەخسۇس لېكسىيەدە جەمئىي تۆت لېكسىيە بولۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جۈنچېن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى شىن چۈنيىڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۇڭ رۈي ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى ۋە ئاساسىي قانۇن ئەمەلىيىتى»، «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى ۋە كېڭىشىش قائىدىسى»، «جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش»، «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش» تېمىسىدا دەرس ئۆتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ