لى چياڭ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق يىلىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.04.26 09:34 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 25-چېسلا جۇڭگو- شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق يىلىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل رەئىس شى جىنپىڭ تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. يېزا ئىگىلىكى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى تىنچلىق، مۇقىملىق، تەرەققىيات، گۈللىنىشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنىڭ نۇقتىلىق ساھەسى. جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى ياخشى يولغا قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى زور. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسەت جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، يەر شارىۋى ئاشلىق، يېزا ئىگىلىكىنى تۈزەش ئۈچۈن شەرقىي ئاسىيانىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئورتاق تەقدىم قىلىپ، شەرقىي ئاسىيا ئۈلگىسىنى تىكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردىن. بىز شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق يىلىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتى، نامراتلىقنى ئازايتىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىكى ۋە رەقەملىك يېزا-كەنت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، گۈزەل، دوستانە ئورتاق يۇرت-ماكان قۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشنى خالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ