14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

2023.04.27 23:48 مەنبە: خەلق تورى

  يېڭىدىن تۈزىتىلگەن جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قانۇنى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى

  شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلدى

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر قائىدىسى قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى

  جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى



  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق يېڭىدىن تۈزىتىلگەن جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قانۇنى ماقۇللاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-، 5-نومۇرلۇق رەئىس پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 170 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر قائىدىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا يەنە باشقا تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، باش كاتىپ ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.

  دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ شياۋخۇڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، قىسمەن مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، قىسمەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ