ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «1-ماي» شوئارىنى ئېلان قىلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2023.04.27 00:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «1-ماي» شوئارىنى ئېلان قىلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو خەلقى ۋە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ئۇلۇغ سىياسىي ئىجادىيىتى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى تۆھپىسىنى نامايان قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 75 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «1-ماي» شوئارىنى ئېلان قىلغان، بۇ بىرلىك سەپ ۋە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ج ك پ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىزنىڭ كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىلمىي نەزەرىيەنى يېتەكچى قىلىشتا، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىينىڭ تەرەققىيات يولىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش زۆرۈر.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدى. دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار سىياسىي ئورتاق تونۇشنى ئاڭلىق مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك سىياسىي خىسلەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلىشى كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئاڭلىق ئاتلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىللە ئويلاش، بىللە تۇرۇش، بىللە ئىشلەش كېرەك. ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى، ياخشى ياردەمچىسى، ياخشى خىزمەتدىشى بولۇش كېرەك. جۇڭگونىڭ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمى ھېكايىسىنى ئاڭلىق ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگونىڭ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شى تەيفېڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې ۋېي، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى لىن يىفۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ